ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - خەلقئارا

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاۋىياتسىيە شىركىتى كۆپ قېتىم ئەپۇ سورىدى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 04 - ئاينىڭ 17- كۈنى 03:45   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

    يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ يولۇچىنى زورلۇق بىلەن ئايروپىلاندىن سۆرەپ چۈشۈرۈش ۋەقەسى داۋاملىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، خەتەرلىك ھالەتتە قالغان ئامېرىكا بىرلەشمە ئاۋىئاتيسىيە شېرىكىتى بىر مەيدان ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئاپىتىگە يولۇقتى. جامائەتچىلىكنىڭ مەسخىرىسى ۋە نارازىلىقىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ كاتتىبېشى تۆت قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، خىجىلچىلىق ئىچىدە ئەپۇ سورايدىغانلىقىنى ۋە تۆلەم تۆلەيدىغانلىقىنى، بۇ ۋەقەگە چېتىشلىق ساقچىنى ئىشتىن توختىتىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاۋىياتسىيە شىركىتى 12-ئاپرېل ئېنىق ھالدا، زورلۇق بىلەن ئايروپىلاندىن يولۇچىنى سۆرەپ چۈشۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن نۆۋەتچى ئايروپىلاندىكى بارلىق يولۇچىغا تۆلەم تۆلەپ بېرىدىغانلىقىنى، بۇندىن كىيىن، يولۇچىلارنى ئورۇن بوشىتىشقا زورلىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يەنە بىر جەھەتتىن، يارىلانغان يولۇچى قانۇنغا مۇراجىئەت قىلدى، بۇ يولۇچىنىڭ ۋاكالەتچى ئادۋوكاتى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ۋەكىلى 13-ئاپرېل چىكاكودا مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ يولۇچىنىڭ ئېغىر جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتە زەخىمگە ئۇچرىغانلىقىنى، شۇڭا ئەرز قىلىشى مۇمكىنچىلىكىنىڭ چوڭلىغىنى ئىسپاتلىدى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى