ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - خەلقئارا

سۇرىيە تاراتقۇلىرى، ئامېرىكا سۇرىيە كەنتىگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 15 كىشى قازا قىلدى دېدى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 04 - ئاينىڭ 10- كۈنى 04:08   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

    سۇرىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 8-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە: ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ شۇ كۈنى سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى راققا ئۆلكىسىدىكى بىر كەنتىگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 15 پۇقرا قازا قىلغان.

    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: قازا قىلغانلارنىڭ ئىچىدە ئۇچ بالا بولۇپ، ھاۋا ھۇجۇمىدا يەنە كۆپلىگەن كىشىلەر يارىلانغان، قازا قىلىدىغانلارنىڭ سانى يەنىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىنكەن، پۇقرالارنىڭ ئويلىرى ھاۋا ھۇجۇمىدا ئېغىر زەخىمگە ئۇچرىغان.

    خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خەلقئارا ئىتتىپاق ئۆتكەن ئايدا راققادىكى ئوي ماكانسىز قالغانلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر مەكتەپ بىلەن ھەلەپ ئۆلكىسىدىكى بىر مەسچىتكە ھۇجۇم قىلىپ، ئايرىم ئايرىم ھالدا 33 كىشى ۋە 44 كىشىنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

    2014- يىلى 9-ئايدا، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر تەشكىللىگەن خەلقئارا ئىتتىپاق، سۇرىيە بىلەن ئىراق تەۋەسىدىكى ئىسلام دۆلىتىنىڭ نىشانلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى، سۇرىيە ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھوقۇق بەرمىگەن ئەھۋالدا ئىلىپ بېرىلغان دەپ ھېسابلىدى، ھەمدە ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ سۇرىيەلىك كۆپلىگەن پۇقرالارنىڭ قازا قىلىشى ۋە يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى