ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - خەلقئارا

ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىمقى ھۇجۇمى سۇرىيەگە قانداق تەسىرلەرنى ئىلىپ كېلىدۇ؟

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 04 - ئاينىڭ 10- كۈنى 04:06   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

    سۇرىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىدا ياخشىلىنىشلار بولۇپ، قارشىلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىدە ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن پەيتتە، سۇرىيەدە خىمىيەۋى قۇراللار بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۇز بېرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا بۇ قېتىمقى خىمىيەۋى قۇراللار بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى سۇرىيە ھۆكۈمىتى پەيدا قىلدى دەپ، سۇرىيەنىڭ ھەربىي نىشانلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئارقىلىق ھۇجۇم قىلدى. ئۇنداقتا ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىمقى ھۇجۇمى سۇرىيەگە قانداق تەسىرلەرنى ئىلىپ كېلىدۇ؟

    ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 6- ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى بىلەن 6- ئاپرېل سائەت 20 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىسىمدىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىككى ھەربىي پاراخوتىدىن سۇرىيەنىڭ خومۇس ئۆلكىسىنىڭ شائىرات ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا 59 پاي جەڭ پالتىسى ناملىق چارچىلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى.

    تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەگە قارتا تۇيۇقسىز ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشى، ھەل قىلىش قىيىنغا توختاۋاتقان سۇرىيە مەسىلىسىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋىتىپ، سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىراق نۆۋەتتە ۋاقتىنچە بۇنىڭ بىلەن توقۇنۇش چوڭ كۆلەمدە يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ دېيىشكە بولمايدۇ.

    سۇرىيەگە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشىدىكى سەۋەب نېمە؟. ئامېرىكا بۇنىڭغا قارتا كۆپلىگەن چۈشەندۈرۈشلەرنى بەردى.

    ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بۇندىن ئىلگىرى شائىرات ھەربىي ئايرودۇرۇمىدىن خىمىيەۋى قۇرال ھۇجۇمى قوزغىدى، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ زەربە بېرىشى سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىمىيەۋى قوراللارنى قايتىدىن ئىشلىتىشنى توسۇشتىن ئىبارەت.

    ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 6-ئاپرېل كەچتە تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: قوراللىق زەربە بېرىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىنى مەن چۈشۈردۈم. ئۇ مۇنداق دېدى: سۇرىيەنىڭ خىمىيەۋى قوراللارنى ئىشلەتكەنلىكى راست بولۇپ بۇنى ئەيىبلەش كېرەك، ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەگە قوراللىق زەربە بېرىشى خىمىيەۋى قوراللارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە ئۇنى توسۇش بولۇپ، بۇ ئامېرىكىنىڭ مۇھىم دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ۋە مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن.

    ئامېرىكا جامائەتچىلىكى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تىرامپنىڭ سۇرىيەگە قاراتقان قارارى كۆپلىگەن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ ناھايىتى تېز بولدى. بۇنىڭدا مۇنداق ئىككى خىل مەقسەت بولۇشى مۇمكىن. 1-دىن: ھەربىي ئىشلار جەھەتتە غەلىبە قىلىش ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈش. 2- دىن: سىياسىي جەھەتتە تىرامپنىڭ دېگىنىنى قىلالايدىغان زۇڭتۇڭلۇق ئوبرازىنى يارىتىپ، سۇرىيە مەسىلىسىدە سابىق زۇڭتۇڭ ئوباما شەكىللەندۈرگەن ئوبرازدىن ئېشىپ كېتىشتىن ئىبارەت.

    ئۇندىن باشقا، رۇسىيە بىلەن سۇرىيە مەسىلىسىدە يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى تالىشىشمۇ ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەگە زەربە بېرىشتىكى مەقسىتى دەپ قارالدى. رۇسىيە 2015- يىلى 9-ئايدا سۇرىيەنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشقاندىن بۇيان، ئۇرۇش مەيدانلىرىدا سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاجىز ھالەتتىن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشىگە ياردەم بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى پائال ياراشتۇردى،بۇنىڭ بىلەن ئۆكتىچى گۇرۇھنى قوللاۋاتقان ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەنىڭ سىياسىي مۇساپىسىدىكى يېتەكچىلىكى كۈنسېرى ئاجىزلىدى. بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەت سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە زەربە بېرىپلا قالماستىن، يەنە رۇسىيەگە ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەدىكى ئورنىغا سەل قارىماسلىقىنى ئۇقتۇرۇشتىن ئىبارەت.

    تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: نۆۋەتتە سۇرىيە ۋەزىيىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، چېتىلىدىغان تەرەپلەر كۆپ بولماقتا، شۇڭا ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىم سۇرىيەگە زەربە بېرىشى كۆپلىگەن مۇھىم تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

    1-: ئىسلام دۆلىتىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارىتىلغان ھەرىكەتلەر تەسىرگە ئۇچرايدۇ. يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە زور ئىلگىرىلەشلەر بولدى. سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى نۆۋەتتە خومۇس ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي رايونىدا ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بەرمەكتە، شائىرات ھەربىي ئايرودۇرۇمى بۇ ھەرىكەتنىڭ مۇھىم قوللىغۇچىسى. بۇ ئايرودۇرۇمنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. 2- : سۇرىيە كىرىزىسىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۇرۋىتىدۇ. ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ بېسىمىغا يولۇققان ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر قايتىدىن قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ، توقۇنۇشنى يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈۋىتىدۇ. بۇ سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

    3-ئامېرىكا رۇسىيە مۇناسىۋىتى يەنىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن رۇسىيە فىدراتىسيە كومىتېتى پارلامېنت يۇقىرى پالاتاسى دۆلەت مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئوزلوف 7-ئاپرېل ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەگە زەربە بېرىشى «تاجاۋۇزچىلىق» قىلمىش دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: رۇسىيە بەلكىم ئىلگىرى ئامېرىكا بىلەن ھاسىل قىلغان ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ سۇرىيەدىكى ھەرىكەتنى ماسلاشتۇرۇش كېلىشىمىنى توختىتىشى مۇمكىن.

    گەرچە ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىم سۇرىيەگە تۇيۇقسىز ھەربىي زەربە بېرىشى نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىدە سۇرىيەگە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ھەربىي زەربە بېرىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

    ئامېرىكىنىڭ ئىلگىرىكى باشقا دۆلەتلەرگە ھەربىي ئىشلار جەھەتتە ئارىلىشىش تەجرىبىسىدىن قارىغاندا، سۇرىيەگە بىۋاسىتە ئەسكەر چىقىرىشى ئامېرىكىنى پاتقاققا پاتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. بۇ قېتىمقى ھەربىي زەربە بېرىشكە قارىتا، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئارمىيە تەرەپ ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تىرامپنىڭ ھەرىكەت قوللىنىشنى قارار قىلىشى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماددىسىنىڭ ئۇنىڭغا سۇنغان سۇرىيەگە قارىتىلغان ھەربىي ئىشلار لايىھەسىدىكى بىر قەدەر مۇتەسسىپ بولغان بىر تۈر ئىكەن.

    بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ رۇسىيەگە پەيدا قىلىدىغان تەسىرىنى ئىمكانقەدەر تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ئارمىيەسى زەربە بېرىشتىن ئىلگىرى رۇسىيەگە بۇنى ئۇقتۇردى. ئوزلوف بۇ قاراشنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ بۇ نۇقتىنى تەكىتلىشىمۇ ئامېرىكىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇشنى خالىمايدىغانلىقى، ئازراق بوشلۇق قالدۇرغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. رۇسىيەنىڭ قارىشىچە، بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىغان: گەرچە ھازىر رۇسىيە بىر قەدەر قاتتىق پوزىتسىيەدە بولغان بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيەنىڭ كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىشىنىڭ ۋەزىيەتنى يامانلاشتۇرۇۋېتىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ ئەمەس. جۇڭگو يەر شارىلاشتۇرۇش ئاقىللار ئامبىرىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: پۇتىن شۇنى ئېنىق بىلىشى كېرەككى، تىرامپنىڭ سۇرىيەگە ھەربىي زەربە بېرىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈشتە ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ئېھتىياجىنى چىقىش قىلغان ، شۇڭلاشقا رۇسىيە ئىنكاس قايتۇرۇشتا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى كېرەك.

    سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنى «تاجاۋۇزچىلىق» دەپ ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، ئەمما سۇرىيە ھۆكۈمىتى ۋەقەدىن كېيىن خىلى بىر ۋاقىتقىچە ئىزچىل ئىپادە بىلدۈرمىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى سۇرىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇئالىم سۇرىيە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىمىيەلىك قۇراللار ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشىنى قوللايدۇ دېگەن ئىدى.

    بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زەربىگە ئۇچرىغاندىمۇ سوغۇققان بولۇشى ئامېرىكا بىلەن بولغان زىددىيىتىنىڭ ئۆتكۈرلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش بولۇشى مۇمكىن. خىمىيەلىك قۇراللار ۋەقەسىدە خەلقئارانىڭ تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىپ، ئامېرىكىغا يەنىمۇ ھەرىكەت قوللىنىشىغا باھانە تېپىپ بەرمەسلىك سۇرىيەگە تېخىمۇ پايدىلىق.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى