ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - خەلقئارا

رۇسىيە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ جەڭ پالتىسى ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىغا نېمە ئۈچۈن ئىنكاس قايتۇرمايدۇ

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 04 - ئاينىڭ 10- كۈنى 04:05   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

    ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ شەرقىگە توختىتىپ قويۇلغان ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىككى ھەربىي پاراخوتى 7-ئاپرېل سۇرىيەنىڭ خۇمىس ئۆلكىسىدىكى سايلات ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا جەڭ پالتىسى ناملىق چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن59 نى قويۇپ بەردى. ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قارىتا، رۇسىيەنىڭ سۇرىيەگە ئورۇنلاشتۇرغان ھاۋا مۇداپىئەسىدىكى400 S- بەلگىلىك ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ئىنكاس قايتۇرمىدى. بۇنىڭغا قارىتا رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بىرىنچىدىن، سۇرىيەدىكى رۇسىيە ئارمىيەسى بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ خەتىرىگە يولۇقمىدى؛ ئىككىنچىدىن، رۇسىيە سۇرىيەنىڭ 3-دۆلەتنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتى يوق؛ ئۈچىنچىدىن، رۇسىيەنىڭ سۇرىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھاۋادىن مۇداپىئە كۆرۈش ئەسلىھەلىرى سايلات ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى ئۈنۈملۈك قوغدىيالمايدۇ.

    ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى پىسكوف، رۇسىيە زۇڭتۇڭى قول ئاستىدىكى ھەربىي ئىشلار سانائىتى كومىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى مولاخوۋىسكى ، دۆلەت دۇماسى دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى شامانوف ئوخشاش بولمىغان سورۇنلاردا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا ئارمىيەسى سايلات ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قوزغاشتىن ئىككى سائەت ئىلگىرى رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات ئالماشتۇرۇش يولى ئارقىلىق رۇسىيەگە خەۋەر قىلدى.سايلات ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا رۇسىيەنىڭ خادىملىرى ۋە ئايروپىلانى يوق، ھەمدە ھاۋا ھۇجۇمىدا رۇسىيەنىڭ سۇرىيەگە ئورۇنلاشتۇرغان قىسمى ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىمىدى.

    رۇسىيەنىڭ ئالاقىدار ئەربابلىرى سۇرىيەنىڭ ئىشتىن ئاۋۋال رۇسىيەنىڭ ئۇقتۇرۇشى بىلەن ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللانغان ياكى قوللانمىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى. بىراق رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كىناشىنكوف مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بۇ قېتىمقى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا قازانغان مۇۋەپپەقىيىتى ئىنتايىن ئاز ؛ قويۇپ بەرگەن 59 باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ 23 ئى سايلات بازىسىغا چۈشتى، قالغان 36 سىنىڭ نىشانى ئېنىق ئەمەس. ھۇجۇمدا بۇزۇۋېتىلگەن ئەسلىھەلەر بىر ئېغىز ماددىي ئەشيا ئەسلىھەلىرى ئىسكىلاتى، بىر ئوقۇتۇش بىناسى، بىر ئاشخانا ، بىر رادار پونكىتى ھەمدە ئايروپىلان ئىسكىلاتىدا رېمونت قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان "مىگى-23 " بەلگىلىك ئالتە ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    مولاخوفىسكى رۇسىيەنىڭ سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئەسلىھەلىرىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىشىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار يوقلىقى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: رۇسىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە سۇرىيەگە ئەسكەر چىقاردى، رۇسىيە سۇرىيەنىڭ 3-دۆلەتنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىشىنى قوغداش توغرىسىدا سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىدار كېلىشىم ئىمزالىمىدى.رۇسىيە بىلەن سۇرىيە ھەربىي ئىتتىپاقداشلىق مەجبۇرىيىتىنى ئۆز ئارا ئۈستىگە ئالمايدۇ، ھازىرقى باسقۇچتا رۇسىيەمۇ بۇ خىل ئىتتىپاقداشلىق كېلىشىمى ئىمزالاشقا تەييارلىق كۆرمىدى. مولاخوفىسكى يەنە مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى سۇرىيەدە تۇرغان مەزگىلدە ئىسرائىلىيە سۇرىيەنىڭ ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا نەچچە قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قوزغىدى، رۇسىيە بۇنىڭغا ئارىلاشمىدى ياكى قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىمىدى.

    400 S- بەلگىلىك يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ جەڭ پالتىسى ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئۈستىدىن غەلىبە قىلالامدۇ؟ بۇنىڭغا قارىتا مولاخوفىسكى مۇنداق دېدى: ئەلۋەتتە غەلىبە قىلالايدۇ، بىراق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بازىغا يېقىن بولۇشى شەرت. ئۇ مۇنداق دېدى: 400 S- بەلگىلىك يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبا سۇرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ھۆمەيمىم ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، سايلات بازىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 100 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئۇرۇش قىلىشنىڭ جۇغراپىيەلىك شارائىتىدىن قارىغاندا ، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بۇ ئارىلىقتىن جەڭ پالتىسى ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئېتىپ چۈشۈرەلمەيدۇ. 400 S- بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئەڭ يىراققا بېرىش مۇساپىسى تەخمىنەن 400 كىلومېتىرغا يەتسىمۇ، بىراق بۇ مۇساپىدە نىشانغا زەربە بىرىدۇ دېگەندە نىشاندىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئۇچۇش ئېگىزلىكى ئاز دېگەندە 1000 مېتىر بولۇش كېرەك، لېكىن جەڭ پالتىسى ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئۇچۇش ئېگىزلىكى ئادەتتە 30 مېتىردىن 50 مېتىرغىچە بولىدۇ.

    ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا: سايلات ھاۋا ئارمىيە بازىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 100 كىلومېتىرغا يەتكەندە رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى سىمسىز تېلېگراف ئۇپۇق سىزىقى مەسىلىسىگە يولۇقىدىكەن؛ نىشاننى ئۆلچەيدىغان رادار ئۇپۇق سىزىقىدىن بىۋاسىتە ھالقىپ كېتىپ، ئۇپۇق سىزىقى ئاستىدىكى تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدىكى چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئۆلچىيەلمەيدىكەن. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا مۇنداق ئىككى خىل چارە بار ئىكەن: بىرىنچى چارە يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ رادارىنى ئېگىز جايغا ئورنىتىش، بىراق ھۆمەيمىم بازىسىغا يېقىن جايدىكى تاغنىڭ ئېگىزلىكى رادار ئۆلچىيەلەيدىغان تۆۋەن بوشلۇق چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېگىزلىكىگە يەتمەيدۇ ئىكەن؛ ئىككىنچى چارە 400 S- بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سايلات بازىسى ئەتراپىغا بىۋاسىتە يۆتكەپ كېلىنىشى كېرەك، بىراق رۇسىيەنىڭ ھازىر بۇنداق پىلانى يوق ئىكەن.

    بىراق رۇسىيە سۇرىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشىغا داۋاملىق قاراپ تۇرۇشنى خالىمايدۇ. كىناشىنكوف مۇنداق دېدى: سۇرىيە ئارمىيەسىنىڭ مۇھىم ئەسلىھەلىرىنى قوغدىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ سۇرىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە جابدۇقلىرىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ. ھازىر سۇرىيە ئارمىيەسىنىڭ ئاساسلىق ھاۋادىن مۇداپىئە كۆرۈش قوراللىرى S-200 بەلگىلىك يىراق مۇساپىلىك يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا، SA-11بەلگىلىك ئوتتۇرا مۇساپىلىك يەردىن ھاۋا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ رۇسىيە سۇرىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ ھاۋادىن مۇداپىئە كۆرىدىغان قۇرال- ياراغلىرىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەردى.

    رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى كىروچىنكوۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سۇرىيە بۇ خىل ئوتتۇرا مۇساپىلىك يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئىشلەتمەي، ھازىرقى رۇسىيەدە ئىشلەنگەن ساۋۇت ناملىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى ئىشلىتىپمۇ جەڭ پالتىسى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا تاقابىل تۇرالايدۇ. ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا: ساۋۇت ناملىق سىستېمىنىڭ 12 قىسقا مۇساپىلىك يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش كانىيى بىلەن ئىككى ھاۋادىن مۇداپىئە كۆرۈش ئاپتومات بار ئىكەن؛ چاقلىق ياكى ئېلىپ يۈرىدىغان بىرونېۋىك ئاپتوموبىلغا قۇراشتۇرۇلىدىكەن. كۆپلىگەن بۇ خىل ئۇرۇش ئاپتوموبىللىرىنى مۇداپىئە ئەترىتى شەكلىدە تىزىپ مۇھىم ئەسلىھەلەرنى قوغدىغىلى بولىدىكەن. كىروچىنكو سايلات بازىسىغا ساۋۇت ناملىق ھاۋادىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ياكى ئورۇنلاشتۇرالمىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى. بىراق ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سۇرىيەدىكى بازىغا بۇ خىل ھاۋادىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا ماشىنىلىق رادار بىلەن جەڭ پالتىسى ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئىز قوغلاپ ئۆلچەشكە توغرا كېلىدۇ. ھەمدە رادار كۆرسەتكەن نىشانغا ئاساسەن جەڭ پالتىسى ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا زەربە بەرگىلى بولىدۇ. رۇسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا: كالبىر ناملىق چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قارا دېڭىز فىلوتىنىڭ گىرىگروۋىچ دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى ناملىق مۇھاپىزەتچى پاراخوتى 7-ئاپرېل ئوتتۇرا يەر دېڭىزىغا قاراپ يولغا چىققان. ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئىككى قوغلىغۇچى پاراخوتى ھۇجۇم قوزغىغان دېڭىزغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، رۇسىيە ئىشلىتىۋاتقان سۇرىيە تارتۇس دېڭىز ئارمىيە ماددىي ئەشيا كاپالەت بازىسىغا يېتىپ بارىدىكەن. ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بۇ قېتىمقى قول سېلىش سەۋەبىگە قارىتا، رۇسىيە دۆلەت دوماسى خەلقئارا ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى سىلۇتىسكى مۇنداق دەپ قارىدى: ۋاشىنگتون ھەر قانداق بەدەل تۆلەشكە قارىماي باشار ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ ، بۇ ئارقىلىق جۇغراپىيەلىك سىياسىي مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ.كىناشىنكوف مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكىنىڭ ئىچكى سىياسىي كۈچلىرىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسىدە بىر قەدەر زور ئىختىلاپى بار، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈشى دۆلەت ئىچىدىكى تالاش تارتىشنى بېسىقتۇرۇشنى ئويلاشقان بولۇشى مۇمكىن، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىنى جازالاش بۇنىڭ باھانەسى بولدى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى