ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - خەلقئارا

كورېيە بىلەن ئامېرىكا 4-ئايدا چوڭ كۆلەملىك ئارقا سەپ تەمىناتى مانېۋىرى ئۆتكۈزىدۇ

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 03 - ئاينىڭ 27- كۈنى 04:07   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

    كورېيە بىلەن ئامېرىكا بىرلەشمە قوماندانلىق ئىشتابى 24-مارت، كورېيە بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 4-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە كىيوڭساڭ-بوكدونىڭ فۇشاڭ رايونىدا ئۇرۇش ماددىي بۇيۇملىرىنى تولۇقلاشنى مەقسەت قىلغان چوڭ كۆلەملىك ئارقا سەپ تەمىناتى مانېۋىرنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ قېتىمقى مانېۋىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى كورېيە ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز ،ھاۋا ئارمىيەسى ۋە ئالەم بوشلۇقى، ئاخبارات ئۇرۇشى مۇھىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئارمىيە موھتاج بولغان ئۇرۇش تەييارلىقىغا قارىتىلىدۇ.

    كورېيە ئامېرىكا بىرلەشمە قوماندانلىق ئىشتابى مۇنداق دېدى: ئارمىيە ئېھتىياج بولغان ئۇرۇش تەييارلىقى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم، ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم بېرىش، خەتەرلىك ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش كۈچى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. OPR مانېۋىرى-مۇداپىئە مانېۋىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى مانېۋىر-كورېيە ئامېرىكا ئىتتىپاقىنىڭ تۈرلۈك ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن پىلانلاندى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى