ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - خەلقئارا

ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنى قەستەن سۇسلاشتۇرۇشى مەسئۇلىيەتسىز قىلمىش

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 03 - ئاينىڭ 27- كۈنى 04:05   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

    دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 24-مارت قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ دەرسلىكلەردە تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنى قەستەن سۇسلاشتۇرۇش، ئىنكار قىلىش ھەتتا ئۆزگەرتىشى-ئىنتايىن خاتا ھەم مەسئۇلىيەتسىز قىلمىش.

    خۇا چۈنيىڭ بىر مۇخبىرنىڭ ياپونىيەنىڭ مەدەنىيەت پەن ۋازارىتى دەرسلىكلەرنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش نەتىجىسىنى ئېلان قىپتۇ، كېلەر يىلدىن باشلاپ ئىشلىتىلىدىغان دەرسلىكلەردە نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئېنىق خاتىرىلەنمىگەن، جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ، دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى-ياپونىيە مىللىتارىزىمى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان مەزگىلىدە ئۆتكۈزگەن ئېغىر جىنايى قىلمىش، پولاتتەك دەلىل ئىسپاتلار بۇرۇنلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلار سانىغا بالدۇرلا ھۆكۈم چىقىرىلىپ بولغان. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى ئۆز دۆلىتى خەلقىگە، تارىخقا، قوشنا دۆلەتلەرگە مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيەدە بولۇشقا، توغرا تارىخى قاراش بىلەن خەلقنى تەربىيەلەشكە، خاتا تارىخى قاراش بىلەن كېيىنكى ئەۋلادلارنى خاتا يېتەكلىمەسلىككە دەۋەت قىلىدۇ.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى