ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - خەلقئارا

بىل گايتىس فوندى جەمئىيىتى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالاندى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 03 - ئاينىڭ 27- كۈنى 04:04   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

    24-مارت چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك ئىشخانىسى بىلەن بىل، مىرىندا بىل گايتىس فوندى جەمئىيىتى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى. ئىككى تەرەپ جۇڭگونىڭ نامراتلىققا قارشى تۇرۇشتىكى تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەش، ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ ئومۇملاشتۇرۇش، جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدىكى نامراتلارنى يۆلەش ئىستراتېگىيەسىنى تەتقىق قىلىش، نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى كەڭ دائىرىدە ھەمكارلىشىدۇ. گايتىس فوندى جەمئىيىتى يەنە يېزىلارنىڭ ئاساسى قاتلام سەھىيە مۇلازىمىتى، نامرات رايونلاردىكى بالىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشىنى ياخشىلاش، يېزا پۇل –مۇئامىلىسىدە نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق ساھەلەردە جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىدۇ.

    ئەسلەتمىنى ئىمزالاشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ يوڭفۇ بىلەن گايتىس فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بىل گايتىس سۆھبەتلەشتى. گايتىس مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىدىكى نامرات نوپۇسنىڭ يېرىمىنى ئازايتىش نىشانىغا ئەڭ چوڭ تۆھپە قوشقۇچى، 1990-يىلدىن 2010-يىلغىچە بولغان مەزگىلدە، جۇڭگودىكى ئازايتىلغان مۇتلەق نامرات نوپۇس دۇنيانىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى ساننىڭ %75.7نى ئىگىلىدى، بۇ باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن قىممەتلىك ئەينەك قىلىش ئەھمىيىتىگە ئىگە. گايتىس فوندى جەمئىيىتى گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلاشقانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال، جۇڭگونىڭ مۇتلەق نامراتلىقنى تۈگىتىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىرغىچە مېڭىشىغا ياردەم بېرىدۇ ھەمدە جۇڭگونىڭ يەر شارىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا داۋاملىق يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى