ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - خەلقئارا

رۇسىيە ھەربىي ھازىرلىقلار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتمەكتە

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 03 - ئاينىڭ 15- كۈنى 08:24   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

    رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگو يېقىندا موسكۋا خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنستىتۇتىدا سۆز قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزى ساھەلەردە خەلقئارا ۋەزىيەت كەسكىنلىشىپ كەتتى، بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن رۇسىيە ھەربىي ھازىرلىقلار قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ قانات يايدۇرۇپ، قىسىمنى مەشىقلەندۈرۈشنى كۈچەيتىدۇ.

    ھەربىي ھازىرلىقلار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئىزچىل تۈردە رۇسىيەنىڭ دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ كەلدى. ھازىر رۇسىيە ئاساسلىقى ئامېرىكا، ياۋروپانىڭ غەربتىن ۋە ئامېرىكا ياپونىيە كورېيە ئىتتىپاقىنىڭ شەرق تەرەپتىن كەلگەن تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە، رۇسىيەنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى ئاساسلىقى دۆلەت بىخەتەرلىك مەنپەئەتى ۋە خەلقئارا ھەربىي ھازىرلىقلار تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشنى مەقسەت قىلىدۇ.

    رۇسىيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىزچىل تۈردە بىر-بىرىنى دۈشمەن دەپ قاراپ كەلدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۈزلۈكسىز شەرققە كېڭەيدى، رۇسىيە بىلەن قوشنا ئەللەردە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارىشى سىستېما ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى كۈچەيتتى، رۇسىيە بۇنى رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ياشاش بوشلۇقىنى كىچىكلىتىش ۋە رۇسىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش تەدبىرى دەپ قارىدى. رۇسىيەنىڭ يۇقىرى قاتلىمى بۇنى كۆپ قېتىم ئاشكارا ئەيىبلىدى، رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى راۋلوف يېقىندا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بۇلغارىيە ۋە رۇمىنىيەدە ئەسكەر تۇرغۇزۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىدۇ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ رۇسىيە بىلەن چېگرالىنىدىغان رايوندا ئەسكەر تۇرغۇزۇشى ئىغۋاگەرچىلىك ۋە رايون مۇقىملىقى بۇزۇش تۈسىنى ئالغان. رۇسىيە ياۋروپانىڭ ھەربىي سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى تەرەققىياتتا يېقىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، رۇسىيەنىڭ چېگراسى ۋە مىللىي مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.

    رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ رۇسىيەنىڭ چېگراسىغا يېقىنلىشىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش يولىدىكى ئەسكىرى كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تاقابىل تۇرماقتا ئىكەن. رۇسىيە يېڭىدىن 3 دىۋىزىيە تەشكىللەيدىكەن، بۇ غەربىي ھەربىي رايوندىكى ئىككى دىۋىزىيە ۋە جەنۇبىي ھەربىي رايوندىكى بىر دىۋىزىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ئىشتاتى ئون مىڭ ئەتراپىدا بولىدىكەن. 3 دىۋىزىيە موتوسىكلىت قىسىمى، تانكا قىسىمى، ئاپتوماتىك مىناميوت قىسىمى، زىننېت توپ قىسىمى، رازۋېدكا قىسىمى، خەۋەرلىشىش قىسىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ئۇلارغا T-90 ، BMP-3 پىيادە ئەسكەرلەر ئۇرۇش ماشىنىسى قاتارلىق ئىلغار ئۈسكۈنىلەر سەپلەپ بېرىلىدىكەن.

    2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن شىمالدىكى كۇرىل تاقىم ئاراللىرى، يەنى 4 ئارال توغرىسىدا رۇسىيە بىلەن ياپونىيە ئىزچىل تۈردە ماجىرالىشىپ كەلدى، رۇسىيە بىلەن ياپونىيە ھازىرغىچە تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىيالمىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رۇسىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ زېمىن ماجىراسىنى بالدۇرراق ھەل قىلىشقا تىرىشىپ باققان بولسىمۇ، لېكىن ئىككىلا تەرەپ بۇ ئاراللارنى ئۆزىنىڭ زېمىنى دېگەننى تەشەببۇس قىلدى.

    ياپونىيە ئىقتىسادى مەنپەئەت ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ 4 ئارالنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى، ھالبۇكى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۇتىن ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇش ھارپىسىدا ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئاشكارا مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن ياپونىيە ئارىسىدا زېمىن ماجىراسى مەسىلىسى تۈپتىن مەۋجۇت ئەمەس، زېمىن ماجىراسى ياپونىيەنىڭ خىيالى.

    پۇتىن ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇش ھارپىسىدا رۇسىيە ئارمىيەسى ئاشكارا قىلىپ كۇرىل تاقىم ئاراللىرىغا ئىلغار بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. خەۋەر قىلىنىشىچە، 2016-يىلى رۇسىيە كۇرىل تاقىم ئاراللىرىدا تۇرۇشلۇق قىسىمىغا بەزمە ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سەپلەنگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا باتالىيونى كۆپەيتكەن ھەمدە ئوخشاش تۈردىكى 2- باشقۇرۇلىدىغان بومبا باتالىيونى قوراللاندۇرۇلماقتا ئىكەن.

    بۇنىڭدىن سىرت، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوستروۋ ئىتۇرۇپئىسلاند ئارىلىغا ئورۇنلاشتۇرغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا لاگېرى بىلەن ئوستروۋ كۇناشىرئىسلاند ئارىلىغا ئورۇنلاشتۇرغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا لاگېرى كۈچلۈك كۈرەش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلماقتا.

    كورېيەنىڭ چېگرا تەۋەسىدە ئامېرىكا ياسىغان «ساد» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ، جۇڭگو، رۇسىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزىدۇ. رۇسىيەگە نىسبەتەن، كورېيەدە «ساد» سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خۇددى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي ياۋروپادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا ئوخشاش رۇسىيەگە توسۇش ۋە قامال قىلىشنى شەكىللەندۈرۈپ، رۇسىيەنى شەرق ۋە غەربتىن تەڭ كەلگەن ئىستراتېگىيەلىك بېسىمغا ئۇچرىتىدۇ، ھەمدە ئۇنىڭ بىخەتەرلىك مۇھىتىنى زور دەرىجىدە ناچارلاشتۇرىدۇ.

    بۇنىڭ ئۈچۈن، رۇسىيە شەرقىي قىسىمى ۋە كۇرىل تاقىم ئارىلىدىكى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. رۇسىيەنىڭ شەرقىي قىسىم ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى سۇلوۋېكىن ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېچىلغان رۇسىيەنىڭ شەرقىي ھەربىي رايونى كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇنداق دېگەن ئىدى: 2016-يىلى رۇسىيەنىڭ شەرقىي ھەربىي رايونى نۇرغۇن يېڭىچە قورال- جابدۇقلارنى قوبۇل قىلدى. رۇسىيە «شىمال شامىلى پىرى» دەرىجىلىك ئەڭ يېڭىچە ئىستراتېگىيەلىك يادرولۇق سۇ ئاستى پاراخوتى «ئالېكساندر نېفىسكىي» ناملىق رۇسىيەنىڭ تىنچ ئوكيان رايونى فلوتىغا تولۇقلاپ ئەۋەتىلدى. «ئىسكەندەر- M» ناملىق بىر قانچە تاكتىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى رۇسىيەنىڭ شەرقىي ھەربىي رايونىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بېرگادىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيەنىڭ شەرقىي ھەربىي رايونى يەنە S-400 ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىدىغان سىستېما، يېڭى راكېتا توپى، ئادەمسىز ئايروپىلان ۋە كۆپ تۈركۈم يېڭى ھەربىي ئىشلار خەۋەرلىشىش ۋە رازۋېدكا قىلىش سىستېمىسىنى قوبۇل قىلدى.

    بۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسى كۇرىل تاقىم ئارىلىدا ھەربىي بازا قۇرۇش مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە ئويلاشماقتا. رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە ئارمىيەسى كۇرىل تاقىم ئارىلىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىتۇرۇپ ئارىلىدا چوڭ تىپتىكى دېڭىز ئارمىيەسى بازىسىنى قۇرىدىكەن، بۇ بازىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تەخمىنەن 2 دە 3 يىل ۋاقىت كېتىدىكەن.بۇ يېڭى بازا ئوكخوتسېك دېڭىزى بىلەن تىنچ ئوكيان ئوتتۇرىسىدىكى تەبىئىي دەرۋازا بولۇپ، رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونىدىكى ئەڭ مۇھىم ئاخبارات بازىسىغا ئايلىنىدىكەن.

    رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە ئايرىپ قاچىلاش خىزمىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى، شويگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە زامانىۋى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئىستراتېگىيەلىك راكېتا ئارمىيەسىنى كەڭ كۆلەمدە قوراللاندۇرۇپ، دېڭىز ئارمىيەسىگە يېڭى تىپتىكى تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنى كۆپەيتىپ سەپلەپ، ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلاننىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ ئۆزگەرتمەكتە. 2020-يىلغىچە رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يادرو كۈچى زامانىۋى قورال جابدۇقلىرى نىسبىتى %90 كە يەتكۈزۈلىدۇ.

    شويگو مۇنداق دېدى: دەل زەربە بېرىدىغان قوراللار يوشۇرۇن دۈشمەننى توسۇش جەھەتتە كۈنسېرى مۇھىم رول ئوينايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن رۇسىيە «كالبېر» ناملىق دېڭىز ئارمىيەسى چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، «ئىسكەندەر» ناملىق قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى تاكتىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى ئەسكەرلىرى ئىشلىتىدىغان يېڭىچە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەتقىق قىلىپ ياسىماقتا. 2020-يىلغىچە رۇسىيەنىڭ دەل زەربە بېرىدىغان قوراللىرىنىڭ جەڭگىۋارلىق كۈچى نۆۋەتتىكىدىن 3 ھەسسە ئۆستۈرۈلۈپ، رۇسىيەنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى