ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

مۇئەللىمنىڭ باھا سۆزى ئوقۇغۇچىلارغا مەدەت

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 03 - ئاينىڭ 15- كۈنى 08:11   |    ئاپتور : تۇرسۇن كېرىم قارچۇق  |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    ئوقۇغۇچىلار ھەر مەۋسۇم تەتىلگە قويۇپ بېرىلىش ئالدىدا سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار قوللانمىسىغا باھا سۆزى يازىدۇ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەستايىدىل، ئادىل پوزىتسىيەدە يېزىلغان شۇ باھا سۆزىنىڭ رولى ئۆزگىچە بولىدۇ، ئەلۋەتتە.

    سىنىپ مۇدىرىنىڭ باھا سۆزىگە ئەمەلىيەتتە شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ بىر مەۋسۇمدىكى ئۇنىۋېرسال ساپاسى، ئادەتتىكى ئىپادىسى، ئۆگىنىش ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسى مۇجەسسەملەنگەن، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا – ئانىسىغا ئەۋەتىلگەن ‹‹پايدىلىنىش ماتېرىيالى››دىن ئىبارەت.

    ئوقۇغۇچىلار كۆپرەك كۆيۈنۈشكە، ماختاشقا، رىغبەتلەندۈرۈشكە موھتاج. شۇڭا، سىنىپ مۇدىرى باھا سۆزى يېزىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى لازىم. باھا سۆزىنىڭ ئىخچام، نېگىزلىك، سۈپەتلىك ھەم يېقىشلىق بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ شەخسىي ۋە ئائىلە كەيپىياتىغا، تەتىللىك تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەش قىزغىنلىقىغا، كېلەر مەۋسۇمدىكى ئىپادىسىگە، ئۆگىنىش پوزىتسىيەسىگە تەسىر قىلىشى مۇمكىن.

    سىنىپ مۇدىرى سىنىپتىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ خاسلىقى، ئالاھىدىلىكى، ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلىرىنى بەش قولدەك بىلىدۇ. شۇڭا، باھا سۆزى يازغاندا ئامال بار شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئاكتىپ تەرەپلىرى، ئالاھىدىلىكى، ساۋاقداشلىرى ۋە ئۇستازلىرىنى قايىل قىلغان، سۆيۈندۈرگەن ئىشلىرىنى يېزىش بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ كۈتكەن ئۈمىدى، تەلىپىنى سىپايە سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىشى، ئوقۇش نەتىجىسى ياخشى، ئىلگىرىلەش زور بولمىسىمۇ، روھىي ھالىتى، كەيپىياتى، ئەمگەك، كوللېكتىپ پائالىيەتلەر جەھەتتە ئىلگىرىلىشى ياخشى بولۇۋاتقان، ئاكتىپ ماسلىشىۋاتقان تەرەپلىرىنى تىلغا ئېلىپ قويۇشى لازىم.

    شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆگىنىش، ئەخلاق، ئىدىيە جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلۈۋاتقان ياكى توساتتىن بەكلا ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقان قىسمەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى قوللانمىغا يېزىپ قالدۇرماي، ئاتا – ئانىلىرى بىلەن ئايرىم پاراڭلىشىش ئارقىلىق كونكرېت ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، تېز، توغرا تەدبىر قوللىنىپ، پاسسىپ ھالەتكە خاتىمە بېرىش، ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا – ئانىسىنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى قوزغاپ، ئۇنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىدىغان قىلىشى لازىم.

    مېنىڭچە، سىنىپ مۇدىرنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن كۆڭۈل قويۇپ يازغان سۈپەتلىك، نېگىزلىك، ئىخچام بىر نەچچە قۇر باھا سۆزى شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا باشقىچە بىر خىل روھىي ھالەت ئاتا قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، ئۆگىنىشكە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى تېخىمۇ ياخشىلىشى، كۆز قارىشىنى يېڭىلاپ، ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

    

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى