ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئەدەبىي ئەسەرلەر

ئاپا، مېنى يەنە بىر قېتىم سۆيۈپ قويۇڭ 

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 03 - ئاينىڭ 09- كۈنى 07:52   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    

    ـ ئاپا، بۇ سىزمۇ؟ سىز ھازىر نەدە؟ تېزرەك قايتىپ كېلىڭ، مەن سىزنى بەك سېغىندىم!

    مەن بىر قىزنىڭ تېلېفوننى خاتا ئۇرغانلىقىنى جەزملەشتۈردۈم، چۈنكى مېنىڭ قىزىم يوق ئىدى، پەقەت سەككىز ياشلىق بىرلا ئوغلۇم بار ئىدى.

    مەن ئۇ قىزغا خاپا بولغان ھالدا:

    ـ تېلېفوننى خاتا ئۇرۇپسىز، مەن ئاپىڭىز ئەمەس، دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتىم. شۇنداقتىمۇ ئۇ قىز تېلېفوننى ئۇدا نەچچە كۈن ئارقا – ئارقىدىن ئۇرۇۋەردى. بۇنىڭدىن بىزار بولۇپ بەزىدە ئۇنى قوپاللىق بىلەن سىلكىۋەتتىم، بەزىدە تېلېفوننى ئالمىدىم.

    ئۇزاق ئۆتمەي بۇ نومۇردىن يەنە تېلېفون كەلدى. ئەمما بۇرۇنقىسىغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، مەن تېلېفوننى قانچە قوبۇل قىلمىغانسېرى قارشى تەرەپ شۇنچە زېرىكمەي ئۇرۇۋەردى. ئاخىر چىدىيالماي تېلېفوننى قوبۇل قىلدىم، تېلېفوندىن قىزنىڭ جانسىز ئاۋازى ئاڭلاندى:

    ـ ئاپا، تېزرەك قايتىپ كېلىڭ، مەن سىزنى بەكمۇ سېغىندىم! دادامنىڭ دېيىشىچە، مەن تېلېفوننى خاتا ئۇرماپتىمەن، بۇ ھەقىقەتەن سىزنىڭ نومۇرىڭىز ئىكەن، ئىشەنمىسىڭىز مەن سىزگە دەپ بېرەي بولامدۇ؟... 136 خاتا دېمىگەندىمەن؟ ئاپا، پۈتۈن بەدىنىم بەك ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ، دادام سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى بەك ئالدىراش دەپ ماڭا ھەر كۈنى ئۆزى قاراۋاتىدۇ، ئۇ بەك چارچاپ كەتتى. ئاپا، مەن سىزنىڭ ئىنتايىن جاپالىق ئىشلەۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىمەن، ئەگەر كېلەلمىسىڭىز، مېنى يەنە بىر قېتىم سۆيۈپ قويۇڭ بولامدۇ؟ ئاپا، مېنى يەنە بىر قېتىم!...

    قىزنىڭ سەبىي ھەم ئېچىنىشلىق ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئۇنى رەت قىلىۋەتكۈم كەلمىدى، چۈنكى مەنمۇ بىر ئانا، شۇڭا ئاغزىمنى تۇرۇپكىغا يېقىن ئەكېلىپ بىرنەچچىنى سۆيۈپ قويدۇم.

    ـ رەھمەت... ئا... پا... مەن ئىنتايىن خۇش بولدۇم ... ئىنتايىن... بەختىيارلىققا... چۆمۈلدۈم... ئەگەر سىزنى كۆرەلىسەم ... نەقەدەر... ياخشى بولاتتى – ھە!

    قىزچاقنىڭ ئاۋازى خېلى ئۇزاققىچە ئۈزۈلۈپ – ئۈزۈلۈپ چىقتى، كۆڭلۈم ئىنتايىن يېرىم بولدى.

    ئارىدىن بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن خاتا ئۇرۇلغان ئاشۇ تېلېفونغا نىسبەتەن مەندە باشقىچە بىر خىل قىزىقىش ئىستىكى تۇغۇلدى. ئەمما شۇ قېتىملىق سۆزلىشىشتىن كېيىن، بۇ تېلېفون تۇيۇقسىزلا ئۈزۈلۈپ قالدى. مەن ھېلىقى نومۇرغا تېلېفون قىلدىم، لېكىن تېلېفوننى ھېلىقى قىز ئەمەس، بىر ئەر كىشى قوبۇل قىلدى:

    ـ كەچۈرۈڭ ھەدە، بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى سىزنى بەك ئاۋارە قىلىۋەتتۇق، مەن ئەسلىدە ئىشلىرىمنى بىرتەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن سىزگە تېلېفون ئۇرۇپ ئەپۇ سوراي دەپ ئويلىغانىدىم. قىزىم بەك شور پېشانە ئىكەن، تۇغۇلۇشىدىلا تۇغما يۈرەك كېسىلى بولۇپ چىقتى، ئۇزاق ئۆتمەي سۆڭەك راكىغا گىرىپتار بولدى، ئاپىسىمۇ يېقىندا ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچراپ قازا قىلدى. قىزىم ئاپىسىنى بەك سېغىندى، لېكىن مەن ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۇنىڭغا ئېيتسام بولمايتتى، ھەر كۈنلۈك خىمىيەلىك داۋالاش ئۇنى بەك قىينىۋەتتى، ئۇنىڭ جېنى قاتتىق قىينالغان چاغلاردا ھەمىشە ئاپىسىنى چاقىرىدۇ، مەن ئۇنىڭ بۇ ھالىتىگە چىدىيالماي، ھېلىقى كۈنى خالىغان بىر نومۇرغا تېلېفون قىلدىم، ئويلىمىغان يەردىن سىزنىڭ تېلېفونىڭىز ئۇلاندى، ھېلىمۇ ياخشى سىز ئايال كىشى بولۇپ چىقتىڭىز، بولمىسا مەن ئۇنىڭغا قانداق تەسەللى بېرىشىمنىمۇ بىلمىگەن بولاتتىم...

    ـ ھازىر قىزىڭىزنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟ دەپ سورىدىم دەرھال.

    ئۇ ئاللىقاچان بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى، شۇ كۈنى سىز تېلېفوندا ئۇنى سۆيۈپ قويغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ كۆز يۇمدى، يەنە تېخى ‹‹ئاپا›› سىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالىغان ھېلىقى تېلېفوننى چىڭ سىقىمدىغىنىچە كەتتى، -دېدى ئەر.

    كۆزۈم بىردىنلا قاراڭغۇلاشقاندەك بولدى. شۇ چاغدا نېمىشقىمۇ ئۇنىڭ بىلەن كۆپرەك سۆزلەشمىگەن بولغىيتتىم؟ ئەگەر ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلگەن بولسام، چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۇنى مېھرىم بىلەن سۆيۈپ قويغان بولاتتىم.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى