ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

2016-يىلى جۇڭگونىڭ ئوقۇغۇچىلار ياردەم مەبلىغى 160 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 03 - ئاينىڭ 02- كۈنى 03:54   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

    مائارىپ مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان «جۇڭگو ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ياردەم مەبلىغى تەرەققىيات دوكلاتىدىن» ئايان بولۇشىچە، 2016-يىلى پۈتۈن يىلدا جەمئىي ياردەم مەبلىغى بېرىلگەن ئوقۇغۇچى 91 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، بېرىلگەن ياردەم مەبلىغى 168 مىليارد 876 مىليون يۈەنگە يەتكەن، ئېشىش دەرىجىسى %8.24 بولغان. 2007-يىلىدىن بۇيان ئېلىمىز دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچىلار ياردەم مەبلىغى سىياسىتى سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلغاندىن بۇيان، ياردەم مەبلىغى ئۇدا 10 يىل يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشنى ساقلىغان.

    «دوكلات» تىن ئايان بولۇشىچە، 2016-يىلى مالىيەدىن جەمئىي 110 مىليارد 900 مىليون يۈەن سېلىنغان، بۇ شۇ يىللىق ياردەم مەبلىغىنىڭ %65 نى ئىگىلەيدۇ. ھەمدە دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ياردەم مەبلىغى خىراجىتىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسىگە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن تەڭ دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردىمى قەرز پۇلىدىن 26 مىليارد 300 مىليون يۈەن تارقىتىلىپ، 2015-يىلىدىكىدىن 4 مىليارد 335 مىليون يۈەن كۆپەيگەن، ھەر دەرىجىلىك مالىيەدىن يەنە 20 مىليارد 400 مىليون يۈەن ئاجرىتىلىپ ھەقسىز دەرسلىك پىلانى يولغا قويۇلغان، 25 مىليارد 100 مىليون يۈەن ئاجرىتىلىپ ھەقسىز تاماق بىلەن تەمىنلەشكە ئىشلىتىلگەن.

    مائارىپ مىنىستىرلىقى مالىيە سىياسەت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ جيەنجۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىلگىرىكى ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل تۈردىكى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ياردىمى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا ئۆتكەن يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا مالىيە مىنىستىرلىقى مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. جاۋ جيەنجۈن مۇنداق دېدى: ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا ئانىلار خاتىرجەم بولسا بولىدۇ، دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ياردىمى سىياسىتى سىستېمىسى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىدۇ، نامرات ئائىلىنىڭ پەرزەنتى بولسىلا مۇناسىپ ياردەم بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، خاتىرجەم ئوقۇشقا كىرەلەيدۇ.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى