ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق يەسلى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئەتىگەنلىك (چۈشلۈك) سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 03 - ئاينىڭ 02- كۈنى 03:40   |    ئاپتور :   |   مەنبە : خەلق تورى

    

    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ باشلىنىشى بىلەن، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق يەسلى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئەتىگەنلىك (چۈشلۈك) سالامەتلىك تەكشۈرۈشنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

    ئىگىلەشكە قارىغاندا، ئەتىياز پەسلى مەكتەپلەردە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تارقىلىشىنىڭ يۇقىرى مەزگىلى بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بارلىق مەكتەپلەردە ھەركۈنى ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەتىگەنلىك (چۈشلۈك) تەكشۈرۈشنى، سالامەتلىكىدە بىئاراملىق بولۇۋاتقان ياكى بولمايۋاتقانلىقىنى ئەستايىدىل سورىشىنى ۋە شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئۇچۇرىنى يۇقىرىغا دوكلات قىلىشىنى، كېسەللىك ۋە يۇقۇمنىڭ كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى، ئاغرىق سەۋەبىدىن دەرستىن قېلىپ قېلىش ھەمدە ئاغرىپ قېلىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىك تارقىلىشىنىڭ بالدۇر ئالدىنى ئېلىش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر داۋالاشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى