ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

مائارىپ سودىغا ئايلىنىپ قالمىسۇن!

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 02 - ئاينىڭ 28- كۈنى 04:01   |    ئاپتور : چېن لۇ  |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ باۋجى شەھىرىدىكى مەلۇم بىر پۇقراۋى يەسلى يېقىندا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن، پائالىيەتكە قاتناشقان بالىلار ئۆزلىرى ئويۇن قويۇش كىيىمى سېتىۋالغان، بالىلىرىنىڭ ئويۇنىنى كۆرمەكچى بولغان ئاتا – ئانىلارمۇ 50 يۈەنلىك كىرىش بېلىتىنى ئۆزى سېتىۋالغان. نۇرغۇن ئاتا – ئانا ‹‹بالىلىرىمىزنىڭ ئويۇنىنى كۆرسەك، يەسلى بۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن ھەق ئالىدۇ›› دەپ نارازى بولغان. بۇ يەسلىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دەپ چۈشەنچە بەرگەن: بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئۈچۈن سەھنە ياسىدۇق، ئوپېراتور ۋە گىرىمچىك تەكلىپ قىلدۇق، كىچىك سوۋغىلارنى تەييارلىدۇق، بۇلارغا كەتكەن تەننەرخ كىرىش بېلىتى ھەققىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.

    يەسلىنىڭ بۇ ھېساباتى توغرىمۇ؟ پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن نەپىس بېسىلغان بېلەتتىن قارىغاندا، يەسلىنىڭ بۇ قېتىمقى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلغانلىقى، بۇنىڭغا نۇرغۇن ئەجىر ۋە تەننەرخ سەرپ قىلغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ. لېكىن نېمە ئۈچۈن ئاتا – ئانىلار كىرىش بېلىتى سېتىۋېلىشنى خالىمايدۇ؟ مەلۇم بىر تورداش يەسلى بىلەن ‹‹ھەممە ئاتا – ئانىغا كىرىش بېلىتى سېتىپسىلەر، ئۇنداقتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئويۇن قويۇش ھەققىنى قانداق ھېسابلايسىلەر؟›› دېگەن ھېساباتنى قىلدى. ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا يەسلى توغرا ھېسابات قىلىپ بېرەلمىگەن.

    تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا، يەسلى بىر قېتىملىق مائارىپ پائالىيىتىنى ئابروي قوغلىشىدىغان، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىگە تارتىدىغان سودا پائالىيىتىگە، بالىلارنى سەھنىدىكى ئارتىسلارغا ئايلاندۇرۇۋالماسلىقى، بولۇپمۇ مەكتەپ ئېچىپ، ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي مەقسەتكە پەرۋا قىلماي، ئوچۇق – ئاشكارا پۇل يىغماسلىقى كېرەك ئىدى. ئەگەر، يەسلى ئېچىشنى ساپ پايدا ئېلىش ۋاسىتىسى قىلىپ، تۈرلۈك باھانە – سەۋەبلەر بىلەن قالايمىقان ھەق ئالسا، ئاتا – ئانىلارنىڭ كۆڭلىدە داغ پەيدا قىلىدۇ، بالىلارنىڭ رايىنى سۇندۇرىدۇ، ئاخىرقى ھېسابتا يەنە يەسلىنىڭ داۋاملىق تىجارەت قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. يەسلى پائالىيەت ئۆتكۈزۈشكە كېتىدىغان تەننەرخنى ئويلاشقان بولسىمۇ، زۆرۈر ھەم مۇۋاپىق ئوقۇتۇش خىراجىتى ئورنىدا ئوقۇش ھەققىگە كىرگۈزۈشى كېرەك ئىدى. ئېلىنغان ھەق پەقەت ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، مائارىپ سۈپىتىنى ياخشىلاش، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ – يېتىلىشىگە ئىشلىتىلىدىغان بولسا، ئاتا – ئانىلار بۇ ھېساباتنى ياخشى قىلالايتتى.

    ھازىر باۋجى شەھىرى جىنتەي رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسى يەسلىنىڭ بۇ قېتىمقى كىرىش بېلىتى سېتىش قىلمىشىنى قالايمىقان ھەق ئېلىش قىلىپ بېكىتىپ، يەسلىگە ئاتا – ئانىلارغا كىرىش بېلىتى ھەققى ۋە ئويۇن قويۇش كىيىمى سېتىۋالغان ھەقنى قايتۇرۇپ بېرىشنى بۇيرۇدى. لېكىن ئۆتكەنكىنى كېيىنكىگە ساۋاق قىلىش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى ئۈزلۈكسىز يولغا قويۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەلئارا كاپىتالنى يەسلى مائارىپى ساھەسىگە كىرىشكە رىغبەتلەندۈردى ۋە يېتەكلىدى. لېكىن بەزىلەر دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتى ۋە ياخشى شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، يەسلى مائارىپىنى بىر تۈرلۈك ‹‹ياخشى تىجارەت››كە ئايلاندۇرۇپ، بالىلار ۋە ئاتا – ئانىلاردىن پۇل ئۈندۈرۈۋېلىشقا باش قاتۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ پۇقراۋى يەسلىلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىگە بولغان ئىشەنچىسىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ يەسلى مائارىپىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. شۇڭا مائارىپ تارماقلىرى بۇنىڭغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، پۇقراۋى يەسلىلەرنى ساغلام تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەپ، بالىلارغا دۇرۇس ئىستىل، توغرا كەيپىياتتا ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى