ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

مائارىپ ئىسلاھاتىدا مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقى بولۇش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 01 - ئاينىڭ 25- كۈنى 04:25   |    ئاپتور : ۋاڭ شىنۋېي  |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاساسىي مائارىپ يەتتە قېتىم ئىسلاھ قىلىندى، ئىلگىرىكى مائارىپ ئىسلاھاتلىرىدا مۇنداق ئۈچ قانۇنىيەتلىك تونۇشنىڭ پەيدا بولغانلىقى بايقالدى: بىرىنچى، ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلار باشتىن – ئاخىر مائارىپ ئىسلاھاتىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ؛ ئىككىنچى، ھەر قېتىملىق دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ ماھىيىتى قانداق ئادەم تەربىيەلەش مەسىلىسىگىلا جاۋاب بېرىش بولۇۋاتىدۇ؛ ئۈچىنچى، مائارىپ مەدەنىيەتنىڭ بىر قىسمى، جۇڭگونىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى مائارىپقا ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ.

    ھازىر 8 – قېتىملىق ئاساسىي مائارىپ ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، بۇ ئىسلاھاتنىڭ ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، چوڭقۇر ھەم ئۇزاققىچە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى مۇقەررەر. بۇ ئىسلاھاتنى ئېلىپ بېرىشقا ئاساسلىقى 21 – ئەسىردىن كېيىنكى سانائەتلەشتۈرۈش ۋە ئىقتىسادنى دۇنياۋىلاشتۇرۇش، دەۋرىگە يۈزلىنىپ قانداق ئادەم تەربىيەلەش كېرەك دېگەن مەسىلىگە جاۋاب بېرىش سەۋەبچى بولغان.

    جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر مائارىپ ئىسلاھ قىلىنمىسا بولمايدۇ، دەپ قارىماقتا. شۇڭا، مەكتەپلەر مائارىپقا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تاللاشتىن ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇن كېلىدىغان مائارىپنى تاللاشقا يۈزلىنىشى كېرەك. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارزۇسى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى ياراملىق قىلىپ تەربىيەلەش مائارىپ ئىدىيەسىنى يېتىلدۈرۈشكە دەۋەت قىلماقتا، ئوقۇغۇچىلاردىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارنىڭ كۆپ خىللىقى مائارىپنى كۆپ خىللاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلماقتا. ۋاھالەنكى، رېئاللىقتىكى ھەممىگە بىردەك تەلەپ قويۇلغان مائارىپنىڭ ئادەمنىڭ راۋاج تېپىشىنى چەكلەيدىغانلىقى مۇقەررەر.

    ئېنىقكى، جۇڭگو ھەتتا دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېقىمى مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ ماس قەدەمدە ئىلگىرىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. بىراق، يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ ئېلىپ بېرىلغىنىغا ئون يىلدىن ئېشىپ، ئىلگىرىكى ھەر بىر قېتىملىق دەرسلىك ئىسلاھاتىدىنمۇ ئۇزىراپ كەتكەن بولسىمۇ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئىسلاھات سۈرئىتىنىڭ يەنىلا بىر قەدەر ئاستا ئىكەنلىكىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىندىۋىدۇئال تەرەققىيات بوشلۇقىنىڭ يەنىلا بىر قەدەر تارلىقىنى، ئىمتىھان بېرىش مائارىپ خاھىشىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنىڭ يەنىلا ئېغىرلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ.

    يۇقىرىدا ئېيتقاندەك مائارىپ مەدەنىيەتنىڭ بىر قىسمى، ئىسلاھات قىيىن باسقۇچتا تۇرۇۋاتقاندا، مەدەنىيەت ئۈستىدە ئويلىنىش پايدا – زىيان توقۇنۇشىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتلارنى ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ بېرىشقا پايدىلىق ئىكەنلىكى ئېنىق.

    20 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدىن باشلاپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس يۈكى زىيادە ئېغىر بولۇش مەسىلىسى ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقان ھەم ئۇنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولساقمۇ، بۇ مەسىلە ھازىرغا قەدەر ھەل قىلىنمىدى. بۇنىڭ يىلتىزى زادى نەدە؟ نۇرغۇن جۇڭگولۇق پۇقرا ‹‹ئوبدان ئوقۇپ مەنسەپدار بولۇش››نى ئەزەلدىن مەكتەپتە ئوقۇشتىكى مەقسەت قىلىپ كەلگەن، بۇ بىر خىل كوللېكتىپ ئاڭسىز رەۋىشتگە ئايلانغان، بۇ خىل ئەھۋالدا ئۇلار ھەرگىز ئوبدان ئوقۇپ ئىشچى بولۇشتەك ئويلاردا بولمايدۇ.

    بالىنىڭ كەلگۈسىدە ئۇتۇق قازىنىشىنى ئۈمىد قىلىش ئەقىلگە ئۇيغۇن. لېكىن، بۇ مائارىپنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتىگە سەل قاراپ، ئۆز بىلگىنىچە چوڭلارنىڭ ئىرادىسىنى بالىلارغا مەجبۇرى تېڭىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. ‹‹يۇقىرى نومۇر ئېلىپ، داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش››تەك كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، بالىلارنىڭ خۇشال – خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە، ئۇلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يېتىلدۈرۈشكە دەخلى قىلساق بولمايدۇ. ئاساسىي مائارىپ ئاساس سالىدىغان مائارىپ. ئۇچۇر دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئىختىساسلىقلار قارشى، سۈپەت قارشى ۋە مائارىپ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى بىزنى ئاڭلىق ھالدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشكە قىستاۋاتىدۇ، بىراق، ئىسلاھات مەدەنىيەت ۋە ئىدىيە قالدۇقلىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاندا، چوقۇم قىيىنلىشىپ كېتىدۇ. مەدەنىيەت بىر – بىرىنى شەرت قىلغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بىر پۈتۈن گەۋدە. ‹‹شاكىلىنى تاشلاپ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىش›› دېمەك ئاسان، قىلماق تەس. لېكىن، مەيلى قانچىلىك قىيىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، دەۋىرنىڭ بۇ تېمىسىغا يۈزلىنىشىمىز كېرەك. يېڭى دەۋىر ۋە تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشتە ئاۋامنىڭ مەدەنىيەت تاللىشى ۋە مەدەنىيەت تىپىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىشمۇ مەدەنىيەت ئىشەنچىسىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلىغانلىق شۇنداقلا كاپالەتلەندۈرگەنلىك بولىدۇ. مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ جەريانى ناھايىتى مۇرەككەپ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش جەريانى بولۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئىسلاھات قىيىن باسقۇچتا تۇرۇۋاتقاندا، مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ مائارىپ سىستېمىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقى ئايدىڭلاشتى. مائارىپ ئىسلاھاتى ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرگۈچىنىڭ مەسىلىنى مەنبەدىن ھەل قىلىشنىڭ يولى ۋە ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يۈرۈشلەشكەن تۈزۈلمە – مېخانىزملارنى تۈزۈپ چىقىپ،سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەنى تەپسىلىي قاراپ چىقىشقا ئەھمىيەت بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداق بولغاندىلا، شەكىلۋازلىق قىلىش، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرالماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى