ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مۇھاكىمە مۇنبىرى

تەسىرلەندۈرۈشنىڭ رولىغا سەل قارىماڭ

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 01 - ئاينىڭ 25- كۈنى 03:36   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا – ئانىلار تەنقىدلەش تىپىدىكى تەربىيە شەكىللىرى ئارقىلىق، سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزگەرتمەكچى ياكى جازالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى تونۇتماقچى بولسا، يەنە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا – ئانىلار تەسىرلەندۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىدە ياخشى بالا، مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغۇچى، جەمئىيەتتە ياخشى ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشتە ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان، خاتالىقىنى تونۇتالايدىغان مۇكەممەل يېتەكلەش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىش ۋە ئۇنى پۈتكۈل تەربىيە جەريانىغا سىڭدۈرۈشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

    تەسىرلەندۈرۈپ يېتەكلەش تەلىم – تەربىيە ئوقۇتۇشتا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىن ئۆزىنى يېتىلدۈرۈشكە ئاساس، ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ جەھەتتىن سەۋەنلىكلىرىنى تونۇپ يېتىشىگە پىسخىك ياردەمچى بولالايدىغان ئۈنۈملۈك يېتەكلەش ئۇسۇلى بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىغا قارىغاندا كۆپ ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە. بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلىگەندە ئوقۇتقۇچىلار ‹‹نېمە ئارقىلىق تەسىرلەندۈرۈش، قانداق تەسىرلەندۈرۈش›› مەسىلىسى ئۈستىدە ئەتراپلىق ئىزدىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىجەز – خاراكتېرىگە، قىزىقىشىغا، ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكلىرىنىڭ مەنبەسىگە ئاساسەن، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزگەرتىشتە ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.

    رىغبەتلەندۈرۈش ئوقۇغۇچىلار ھازىر ئەڭ ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان مەنىۋى ئوزۇق بولۇپ، سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار بەلگىلىك تەسىرلەندۈرۈش رولى بولغان رىغبەتلەندۈرۈشكە موھتاج بولىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى كەيپىياتىنى ئاساس قىلىپ، يۇمۇرىستىك، جەلپ قىلارلىق چىرايلىق سۆز – ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە ماھىر بولسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋەنلىكىنى تۈزىتىشىگە ياردەم قىلالايدۇ. تاپشۇرۇق ئىشلەش، ماقالە يېزىش، تەكرار قىلىش، تۈرلۈك ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىش ۋە باشقا تۈرلۈك ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر داۋامىدا ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈش جەريانلىرىغا ماس ھالدا يولۇققان مەسىلىلىرىنى ئالدىن كۆرسىتىپ بېرىش ئارقىلىق تەقلىدىي ئۈلگە بولۇپ تەسىرلەندۈرەلىسىلا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋەنلىكلىرىنى تۈزىتىشىدە ئۆزگىچە رول ئوينايدۇ.

    ئىلمىيلىكى يۇقىرى، بەدىئىيلىكى كۈچلۈك، يېتەكلەش قىممىتى ئۆزگىچە بولغان بالىلار ھېكايىلىرى، چۆچەك، مەسەل، قوشاق ۋە تېپىشماقلىرىنى ئوقۇشقا تەشكىللەش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى، پىسخىكىسىغا ماس كېلىدىغان ھەر خىل بالىلار ئوقۇشلۇقلىرىغا مۇشتەرى بولۇپ بېرىش ۋە ئەتراپتىكى يېڭى ئادەم، يېڭى شەيئى ۋە يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىقمۇ ئۇلارنى يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى قاراشقا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

    ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى ئەخلاقىي جەھەتتىكى تەسىرنىڭ كۈچىگە بەكرەك ئۇچرايدۇ، ئوخشىمىغان ئائىلىدە يېتىلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىجەز خاراكتېرى، ئەخلاقىي تەربىيەلىنىشى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا – ئانىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدىكى ئوبرازىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، گەپ – سۆزدە، يۈرۈش – تۇرۇشتا، ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىشىگە پايدىلىق تەسىرلەرنى كۆرسەتسە، ئوقۇغۇچىلارنى سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويۇشىدىن ساقلانغىلى، سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاقىي جەھەتتىن تەسىرلەندۈرۈش رولى ئارقىلىق ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى