ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

شى جىنپىڭ جەنۋەدىكى دۆلەتلەر سارىيىدا نۇتۇق سۆزلىدى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 01 - ئاينىڭ 25- كۈنى 03:00   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

    دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى تۈنۈگۈن جەنۋەدىكى دۆلەتلەر سارىيىدا «ئىنسانلار تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە كېڭىشىپ بىرلىكتە بەرپا قىلىش» يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە باش مەقسەتتە نۇتۇق سۆزلەپ، ئىنسانلار تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى نۇقتىئىنەزەرىنى چوڭقۇر، ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق شەرھلەپ، ئىنسانلار تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش ئۇلۇغ مۇساپىسىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈش، سۆزلىشىش ۋە كېڭىشىش، بىرلىكتە بەرپا قىلىش تەڭ بەھرىلىنىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ غەلىبە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۆز ئارا ئەينەك قىلىش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئۇزاق مۇددەت تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر، تەڭ گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، پاكىز گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى.

    شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 6 دە، شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 71-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ رەئىسى تومسىن ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇترېسنىڭ ھەمراھلىقىدا دۆلەتلەر سارىيى زالىغا يېتىپ كەلدى. گۇترېس قارشى ئېلىش نۇتۇقى سۆزلىگەندە جۇڭگونى كۆپ تەرەپلىرىمىزنىڭ مۇھىم تىرىكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىقنى ساقلاش ھەرىكىتى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى قاتارلىق ئىشلار ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق يەر شارىنى تىزگىنلەش مۇساپىسىگە ئىجابىي تۆھپە قوشتى دەپ ماختىدى.

    شى جىنپىڭ نۇتۇقىدا ئىنسانلار زور تەرەققىيات زور ئۆزگىرىش زور تەڭشەش مەزگىلىدە تۇرماقتا دەپ كۆرسەتتى.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىنسانلار تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشتا بىرىنچىدىن سۆزلىشىش ۋە كېڭىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچ دۇنيا بەرپا قىلىش كېرەك.

    چوڭ دۆلەتلەر بىر بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى، زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلارنى باشقۇرۇپ كونترول قىلىشى كېرەك. چوڭ دۆلەتلەر كىچىك دۆلەتلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى، ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويماسلىقى، مەجبۇرىي سېتىۋالىدىغان مەجبۇرىي ساتىدىغان زومىگەرلىك ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىقى كېرەك.

    ئىككىنچىدىن، تەڭ بەرپا قىلىش، تەڭ بەھىرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر دۇنيا بەرپا قىلىش كېرەك.

    دۇنيادا مۇتلەق بىخەتەر غايىۋى جەننەت يوق، بىر دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى باشقا دۆلەتنىڭ مالىمانچىلىقى ئاساسىغا ئورنىتىلماسلىقى كېرەك، قوشنىلاردا مەسىلە چىقسا ئۆزىمىزنىڭلا غېمىنى ئويلىماستىن، ياردەم قولىمىزنى سۇنۇشىمىز كېرەك. «يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس». تېررورلۇق، مۇساپىرلار كىرىزىسى قاتارلىق مەسىلىلەر جۇغراپىيەلىك توقۇنۇش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، توقۇنۇشنى ھەل قىلىش تۈپ تەدبىر. ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەر كېڭىشىش سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق توقۇنۇشنى ھەل قىلىشى، باشقا ھەر قايسى تەرەپلەر تىنچ يارىشىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياراشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.

    ئۈچىنچى، ھەمكارلىشىپ تەڭ غەلىبە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرلىكتە گۈللەنگەن دۇنيا بەرپا قىلىش كېرەك.

    سودا ھامىيلىچىقىنى قىلىپ، كۆرسەتكەن دائىرىدە ھەرىكەت قىلساق، ھەم باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىمىز ئۆزىمىزمۇ پايدا ئالالمايمىز. ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇشنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا ماسلىشىشنى كۈچەيتىش، تىزگىنلەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ تەمىنلەيدىغان ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇشنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىل ھەققانىيلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك.

    تۆتىنچى، ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش، ئەينەك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئېچىۋېتىلگەن سىغدۇرۇشچان دۇنيا بەرپا قىلىش كېرەك.

    مەدەنىيەت پەرقى دۇنيا توقۇنۇشىنىڭ مەنبىيىگە ئايلىنىپ قالماسلىقى، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتتىكىلەر ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلاپ، بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك.

    بەشىنچى، يېشىل تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پاكىز گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىش كېرەك.

    «پارىژ كېلىشىمى» نىڭ ھاسىل قىلىنىشى يەر شارى كىلىماتىنى تىزگىنلەش تارىخىدىكى نامايەندە، بىز بۇ مۇۋەپپەقىيەتنى زايە قىلىۋەتمەسلىكىمىز كېرەك. ھەر قايسى تەرەپلەر بىرلىكتە كېلىشىمنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو داۋاملىق ھەرىكەت قوللىنىپ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئۆز مەجبۇرىيىتىنى يۈز پىرسەنت ئادا قىلىدۇ.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈپ تەڭ غەلىبە قىلىش ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى داۋاملىق يۈرگۈزىدۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ماشىنىسىغا چىقىۋېلىشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگونىڭ بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى تەڭ غەلىبە قىلىپ تەرەققىياتتىن تەڭ بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

    جۇڭگونىڭ شېرىكلىك مۇناسىۋەتنى ئورنىتىش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ. جۇڭگو مۇستەقىل ئۆز ئۆزىگە خوجا بولغان تىنچ دىپلوماتىيە سىياسىتىدە، تىنچلىقتا بىللە ئۆتۈشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئاساسىدا بارلىق دۆلەتلەر بىلەن دوستلۇق ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو يەر شارىغا تارقالغان «دوستلار چەمبىرىكىنى» يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ. جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپىزىم ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان خەلقئارا سىستېمىنى قەتئىي قوغدايدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزى ۋە ئورنىنى قەتئىي قوغدايدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى يادرولۇق رولىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

    شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئەزا دۆلەتلەر، خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە ئىنسانلار تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش ئۇلۇغ مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

    يىغىن ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق باش ئورگىنىغا سوۋغا تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى