ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىللىق مائارىپ خىزمىتىدىكى 13 تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى بېكىتتى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 01 - ئاينىڭ 25- كۈنى 02:53   |    ئاپتور :   |   مەنبە : خەلق تورى

    

    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1- ئاينىڭ 22- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2017- يىللىق مائارىپ خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى .

    يىغىندا بۇ يىللىق مائارىپ خىزمىتىدىكى 13 تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت بېكىتىلدى، بۇلار، يەسلى مائارىپىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرە ۋە تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەت بىلەن ئومۇملاشتۇرۇش؛ قوش تىل مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش؛ زامانىۋى كەسپىي مائارىپنى تېز راۋاجلاندۇرۇش؛ ئاساسىي مائارىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئالىي مائارىپ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىش؛ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ مائارىپ سېلىنمىسى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش؛ مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈش؛ مائارىپنى سىرتقا ئېچىۋېتىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ مائارىپ سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش؛ مائارىپنى نازارەت قىلىش ھەم يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.يىغىن يېزىلارنىڭ ئۈچ يىللىق ھەقسىز قوش تىل مائارىپى، ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، مائارىپ ساھەسىنىڭ ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش ۋە پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە تەلەپلەرنى كۆرسەتتى. ئىگىلىنىشىچە، «ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» ئىستراتېگىيەلىك نىشانغا ئاساسەن، 2017- يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزىلاردىكى يەسلىدە ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ سانى بىر مىليون 128 مىڭ 900گە يېتىپ، 562 مىڭ 900 يەسلى يېڭىدىن كۆپىيىدىكەن، 4387 يېزا يەسلى قۇرۇلۇشى تاماملىنىدىكەن.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى