ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

نىڭشيادا نامرات كەنتتە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 01 - ئاينىڭ 25- كۈنى 02:52   |    ئاپتور :   |   مەنبە : خەلق تورى

    

    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ بۈگۈن ئېچىلغان نىڭشيا مائارىپ خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2017- يىلى نىڭشيادا ھۆكۈمەت ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپ مۇلازىمىتىنى سېتىۋېلىش خىزمىتى داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق يەسلى مائارىپى بايلىقى بىلەن تەمىنلەشنى ئاشۇرۇپ، 220 يەسلى يېڭىدىن سېلىنىپ، ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىلىپ ۋە يېڭىدىن تەسىس قىلىنىپ، يېڭىدىن 23مىڭ ئوقۇش ئورنى كۆپەيتىلىپ، 1500دىن ئارتۇق ئارخىپ قۇرۇلغان، كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات كەنتلەردە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئوقۇش يېشىدىن ئۈچ يىل بۇرۇن يەسلىگە كىرىش نىسبىتىنى تۆت پىرسەنت پوئىنت ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرماقچى.

    ئىگىلىنىشىچە، 2016- يىل، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپ مۇلازىمىتىنى سېتىۋېلىش خىزمىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قانات يايدۇرۇلدى، يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ سېلىنغان يەسلىنىڭ سانى 74گە يېتىپ، يېڭىدىن 444 يەسلى سىنىپى، ئۇقۇش ئورنىدىن 13مىڭ 290ى كۆپەيتىلگەن، ھەمدە ئوقۇش يېشىدىن ئۈچ يىل بۇرۇنقى مائارىپىنىڭ مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %77.94گە يەتكەن بولۇپ،پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 0.54 پىرسەنت پوئىنت ئېشىپ كەتكەن.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى