ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مۇھاكىمە مۇنبىرى

ئەمەلىيەتچىل بولۇش ــ پوزىتسىيە، ئۈستىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 01 - ئاينىڭ 25- كۈنى 02:45   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

    يېقىندا بېيجىڭ، شاڭخەي، ئەنخۇي، لياۋنىڭ قاتارلىق جايلار يەرلىك ئىككى يىغىننى كۈتۈۋالدى، ۋەكىللەر ۋە ئەزالار ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلىپ، شۇ جاينىڭ سىياسىيسى، ئىقتىسادى، پەن مەدەنىيەت تەرەققىياتى ھەققىدە ئىجابىي تەكلىپ پىكىرلەرنى بەردى، ئەقىل كۆرسەتتى.

    ئەمەلىيەتچىل بولۇش، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش بۇ يىل ھەرقايسى جايلار ئىككى يىغىنلىرىدىكى ئاچقۇچلۇق سۆزنىڭ بىرىگە ئايلاندى، ئەمەلىيەتچىل بولۇش خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا بولۇشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت، زىممىسىگە ئېلىش ــ ئىسلاھات يېڭىلىق يارىتىشتا بولۇشقا تېگىشلىك مەسۇلىيەت، جايلاردىكى ۋەكىللەر ۋە ئەزالار زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ئىككىسىنىڭ مۇھىملىقىنى گەۋدىلەندۈردى.

    لياۋنىڭ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ياڭ ۋېنيى مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتچىل بولۇش، زىممىسىگە ئېلىش ــ دىيالىكتىكىلىق بىرلىكنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئىككى تەرىپى، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئىشلەۋاتقان كادىرلار ھەم سىياسىي نەتىجىگىلا كۈچەيتىشتىن قەتئىي يىراقلىشىپ، ئىشلارنى بىر-بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ھەم زىددىيەتلىك، مۇرەككەپ، قىيىن ۋاقىتلاردا ئامما ئۈچۈن ئىش قىلىپ، يەرلىك كارخانىلار تەرەققىياتتا قالدۇرۇپ كەتكەن مەسىلىلەرنى قانۇن بويىچە ئادىل ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، كونا سانائەت بازا رايونلىرىنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

    بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بەزى ۋەكىللىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاساسى قاتلاملاردا تەكشۈرۈش تەتقىقاتتا بولۇش جەريانىدا شۇنى بايقىدۇقكى يېزا بازار، مەھەللە دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پايتەختنىڭ غەيرى يادرولۇق ئىقتىدارىنى تەڭشەش، مۇھىتنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن يېڭى يوللارنى تېپىپ چىقىپتۇ، ئاساسى قاتلاملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشى جەھەتتە يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ قوللىشى، سىياسەت جەھەتتىن ياردەم بېرىشىنى، ئاساسلىقى ئىلھام بېرىش مېخانىزمى ۋە رايىش مېخانىزم بەرپا قىلىشى، مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز.

    بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى لۇ يىڭچۈەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن ئىقتىدارسىز ئەمەلدارلارنى قەتئىي تەرتىپكە سالىمىز غەمخورلۇق قىلىش، ئىلھام بېرىش ۋە جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا مەسىلىنى ئۈستىگە ئالغۇچىلارغا،مەسئۇل بولغۇچىلارغا مەسئۇل بولۇپ، كەڭ كادىرلارنىڭ ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى قوزغايمىز.

    خۇنەن ئۆلكىسى نازارەت مېخانىزمىنى يىغىن مەيدانىغا ئېلىپ كىردى، خۇنەن ئۆلكىلىك12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 7-يىغىنىدا 8 گە يول قويماسلىق ئىنتىزام بەلگىلىمىسى چىقىرىلدى يەنە كۆپچىلىكنىڭ بىرلىكتە نازارەت قىلىشى ئۈچۈن شىكايەت تېلېفونى ئېلان قىلىندى.

    ۋەكىللەر ۋە ئەزالار پاك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، خەلق رازى بولىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى چۆرىدەپ مۇنداق دەپ قارىدى: مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، دېموكراتىك، ئىلمىي، قانۇن ئاساس قىلىنغان ھەل قىلغۇچ تەدبىردە چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرا قىلىش كۈچى، ئاممىۋىي ئىشەنچلىكلىكىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى