ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇدىرى قاتارلىق قائىدىگە خىلاپ قىلغان بەش كىشىنىڭ مەسىلىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 12 - ئاينىڭ 29- كۈنى 04:22   |    ئاپتور :   |   مەنبە : خەلق تورى

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان بەش قېتىملىق تىپىك مەسىلە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى

    

    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىنقى مەزگىللەردە، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان بەش قېتىملىق تىپىك مەسىلىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. بۇ بەش تىپىك مەسىلە تۆۋەندىكىچە:

    خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىرى ئۆتكۈر ئالىمنىڭ ئۆينى بەلگىلىمىگە خىلاپ كۆپ ئىگىلىۋېلىش مەسىلىسى. ئۆتكۈر ئالىم ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، خوتەن شەھىرىدە قائىدىگە خىلاپ ھالدا ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار مەبلەغ توپلاپ سالغان 16 يۈرۈش ئۆينى سېتىۋالغان، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى چىقىرىلغاندىن كېيىن، پەقەت ئالتە يۈرۈشنى قايتۇرغان، دېلو يۈز بەرگەنگە قەدەر، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەنىلا 10 يۈرۈشنى ئىگىلەپ تۇرغان.

    ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، ئالتاي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شىبىننىڭ ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سېتىۋېلىش، قائىدىگە خىلاپ ماشىنا ئارىيەتكە ئېلىش مەسىلىسى. 2011- يىلى 3-ئايدا، ۋاڭ شىبىن قول ئاستىدىكىلەرنى ئالتاي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ نامىدا ھۆكۈمەتنىڭ پۇلى بىلەن تويوتا دالا ئاپتوموبىلى سېتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ 2015- يىلىغىچە ئىشلىتىشىگە ئورۇنلاشتۇرغان.

    ئۈرۈمچى شەھىرى ئۈرۈمچى ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ سابىق شۇجىسى گاۋ يوڭچىڭ، سابىق باشلىقى جاڭ يۈخوڭ قاتارلىقلارنىڭ ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش مەسىلىسى. 2016-يىلى 8-ئاينىڭ بېشىدا، گاۋ يوڭچىڭ، جاڭ يۈخوڭ ناھىيەگە قاراشلىق ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ قىسمەن كادىرلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 51 ئادەمنى باشلاپ، تەكشۈرۈش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بۇرچىن ناھىيەسىدىكى بوياق كەرەش، قاناس مەنزىرە رايونىغا بېرىپ ساياھەت قىلغان.

    قۇمۇل شەھەرلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسى ئۇرۇقچىلىق مەيدانى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى فاڭ يۇڭچياڭ، سابىق باشلىقى جاڭ ۋېيشىڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ياردەم پۇلى، مۇكاپات پۇلى تارقىتىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش مەسىلىسى. 2013-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە، فاڭ يۇڭچياڭ ۋە جاڭ ۋېيشىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ياردەم پۇلى ۋە مۇكاپات تارقاتقان. 2015-يىلى 7-ئايدا، كىشىلەرنى ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىشقا تەشكىللىگەن.

    قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى قاغىلىق بازىرى ئۆستەڭبويى مەھەللىسىنىڭ كادىرى ئىمامجان ياسىننىڭ قائىدىگە خىلاپ مۇراسىملارغا قاتنىشىش، يۇقىرى ئىستېماللىق كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا كىرىش مەسىلىسى. 2016-يىلى كىرگەندىن بۇيان، ئىمامجان ياسىن ئىككى قېتىم باشقۇرۇش ئوبيېكتىنىڭ زىياپىتىنى قۇبۇل قىلغان، KTV قاتارلىق يۇقىرى ئىستېماللىق كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا كىرگەن.

    ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يېڭى يىل ۋە چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش تەشكىلاتلىرى مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيىتىگە يېقىنلىشىپ، «ھالقىلىق ئاز سانلىق»لارغا ياخشى قارىشى؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات بېرىش- ئېلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ زىياپەت ئۇيۇشتۇرۇش، ھۆكۈمەت پۇلىغا مال سېتىۋېلىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش قاتارلىق ئاسان، كۆپ يۈز بېرىدىغان مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىپ، نازارەت قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، «تۆت خاھىش» ۋە يوشۇرۇن ھالەتتىكى «تۆت خاھىش» مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشى؛ قەتئىي بەل قويۇۋەتمەيدىغان قەتئىيلىك بىلەن ھەربىر ئۆتكەلدە چىڭ تۇرۇپ، بىر ـ بىرلەپ ھەل قىلىپ، بالدۇر تۇتۇش قىلىپ، ئىشنى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ تۇتۇشى، مەسىلە بايقالسا بىر تەرەپ قىلىشى؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى