ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

دەرسخانا ئوقۇتۇشى سۈپەتلىك بولۇشى كېرەك

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 12 - ئاينىڭ 27- كۈنى 05:01   |    ئاپتور : ئەركىن مەمتىمىن  |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    

    ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئالىي مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يادروسى بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش مېتودى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئادىتىنى ياخشىلاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇنىڭدا دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئۇللۇق رول ئوينايدۇ.

    مائارىپنىڭ زامانىۋىلىشىشى كىشىلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ، شۇڭا ئادەمنى ئاساس قىلغان مائارىپتا مائارىپ تۈزۈلمىسىنى، مائارىپ قارىشىنى ۋە مائارىپ ئەمەلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك زامانىۋىلاشتۇرۇش كېرەك. ‹‹ئوقۇغۇچىلارنى مەركەز، ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئاساس قىلىش›› تىن ئىبارەت مائارىپ فاڭجېنى ئىختىساسلىقلارنى مۇستەقىل شەخس سۈپىتىدە تەرەققىي قىلدۇرۇش تەلىپى ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىشى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەستايىدىل ئىزدىنىشى ئارقىلىق ئورۇندىلىدۇ.

    زامانىۋى جەمئىيەتتە ھەممە ئوقۇغۇچى باراۋەر، ھەممەيلەننىڭ ھاياتىنى جۇلالاندۇرۇش پۇرسىتى بار. شۇڭا مەكتەپلەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى نىشان قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مەسئۇلىيەتچان پۇقرالارنى تەربىيەلەشنى مەقسەت قىلىشى كېرەك. چۈنكى، كۆزگە كۆرۈنگەن ئىختىساسلىقلار ئادىل رىقابەتتە مەيدانغا كېلىپ، جاپالىق ئەمەلىيەتتە يېتىشىپ چىقىدۇ. ‹‹ئوقۇغۇچىلارنى مەركەز، ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئاساس قىلىش››نىڭ مۇھىم شەرتلىرىنىڭ بىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەكتەپ خىزمىتىنىڭ يادروسى قىلىشتۇر، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشتىكى تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە تەرەققىي قىلىشتىكى ئاكتىپلىقىنى قوزغاش ھەمدە يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قېزىشقا، ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجادچانلىقىنى يېتىلدۈرۈشكە ياخشى يېتەكچىلىك قىلىشتۇر.

    ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىنىڭ ئورتاقلىقى ئۆگىنىشنى مەركەز قىلىدۇ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئاساس قىلىدۇ ۋە توردا، دەرسخانىدا ئۆگىنىشتىن ئىبارەت كۆپ خىل ئۇسۇللارنى بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ئۆز ئارا ھۆرمەتلىشىپ، ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەپ، دوستانە، ئىناق بولغان يېڭىچە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىنى ھاسىل قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

    يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ئورتاق گەۋدىسىىدىكى يېتەكچى كۈچ بولۇپ، ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ئارقىلىق تېخىمۇ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش››نى ئاساس قىلىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنژېنېرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ياخشىلاشتا ئاساسىي كۈچ بولۇشى كېرەك. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلارغا كۆيۈنۈپ، ئۇلارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا ئەۋزەل شارائىت ھازىرلاپ بېرىش مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. چۈنكى ئوقۇتقۇچىلار كۆيۈنۈشكە، مېھىر – مۇھەببەتكە ئېرىشكەندىلا، ئاندىن ئوقۇتۇش ئىشەنچى، ئوقۇتۇش ھېسسىياتى ۋە مەسئۇلىيىتى كۈچىيىدۇ.

    ئوقۇتقۇچىلار چوقۇم قانداق قىلغاندا دەرسنى ياخشى ئۆتكىلى بولىدىغانلىقى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنەلەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئەستايىدىل ئويلانغاندىلا، كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ. ھازىر ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى جۇشقۇن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، قىزىقىشى يۇقىرى، ئىنتىلىشچان بولۇپ، تور، ئۇچۇر تېخنىكىسى ئاللىقاچان ئۇلارنىڭ تۇرمۇش، كىشىلىك ئالاقە ۋە تەپەككۇر ئىدىيەسىگە سىڭىپ كەتكەن بولغاچقا، ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇشقا نىسبەتەن خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار چوقۇم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىنى ياخشىلاش ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك.

    دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجادچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى نىشان قىلىشى كېرەك. يەنە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنىڭ كاپالەت سىستېمىسنى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان باھالاش ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىنى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇشىنى باھالاشتا يېڭىلىق يارىتىش تولىمۇ مۇھىمدۇر. 

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى