ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

سىنىپ مۇدىرى، ئاتا – ئانىلارنى تەربىيلەشكە سەل قارىماڭ!

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 12 - ئاينىڭ 27- كۈنى 04:59   |    ئاپتور : پاتىگۈل ئاققارى  |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    

    سىنىپ مۇدىرى ئاتا – ئانىلار بىلەن مەكتەپ، ئاتا – ئانىلار بىلەن پەرزەنت، ئاتا – ئانىلار بىلەن دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، ئاتا – ئانىلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنىمۇ ياخشى ئىشلىگەندە، ئىناق – ئىتتىپاق، ئىلغار بولغان سىنىپ كوللېكتىپىنى بەرپا قىلالايدۇ.

    پىسخولوگلار ‹‹بىر ئىش 21 كۈن داۋاملاشسا ئۇ ئادەتكە ئايلىنىدۇ›› دېگەندەك، ئادەتلىنىش بىرلا ئادەمنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن ئەمەلگە ئېشىشى ناتايىن. ئادەتلىنىشنى ئائىلىدىن باشلىسا ئۈنۈمى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ. بىر پەيلاسوپ ‹‹مەكتەپ تەربىيەسىنى ئائىلىدە ئورۇندىغىلى بولىدۇ، ئەمما ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئورنىنى باسىدىغان ھېچقانداق مەكتەپ يوق›› دېگەن.

    ئامېرىكىدىكى بىر جەمەتنىڭ بوۋىسى ئابرۇيلۇق ھەم داڭلىق پەيلاسوپ ئېدۋارد گارنېرى پەرزەنت تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن، ئۇنىڭ سەككىز ئەۋلادى ئىچىدە، بىر مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ، بىر دىپلومات، 13 ئالىي مەكتەپ مۇدىرى، 103 پىروفېسسور، 60 دوختۇر، 20 پارلامېنت ئەزاسى يېتىشىپ چىققان، دۆلەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىرى بولمىغان. يەنە بىر جەمەتنىڭ بوۋىسى مارك لېيك قىمارۋاز ۋە ھاراقكەش بولۇپ، قىمارخانا ئاچقان، پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيەلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلمىگەن. ئۇنىڭ سەككىز ئەۋلادى ئىچىدە يەتتە قاتىل، 65 ئوغرى، 324 تىلەمچى چىققان بولۇپ، ھاراق ئىچىپ ئۆلگەن ياكى مېيىپ بولۇپ قالغانلارنىڭ سانى 400 نەچچىگە يەتكەن. بۇ ئىككى جەمەتنىڭ سەككىز ئەۋلاد ئائىلە تارىخى ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ تۇنجى ‹‹مەكتىپى›› ئىكەنلىكىنى، ئائىلە تەربىيەسىنىڭ بالىلارنىڭ ئەخلاق پەزىلىتى، كىشىلىك دۇنيا قارىشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى جانلىق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

    ئىنسان تەبىئىتىدىن مەلۇمكى، كىمدىن مېھىر تۆكۈلسە شۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدۇ. كىمدىن ئىللىقلىق ھېس قىلسا شۇنىڭغا يېقىنلىشىدۇ. شۇڭا، تەربىيەنى ئالدى بىلەن ئائىلىدىن باشلاش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن سىنىپ مۇدىرى ئاتا – ئانىلارنى تەربىيەلەشتە، ھەر بىر قەدەمنى پۇختا ھەم ئەستايىدىل ئېلىپ، ئازراقمۇ سەۋەنلىكنىڭ كۆرۈلۈشىگە يول قويماسلىق كېرەك. چۈنكى، ئوقۇتقۇچىنىڭ سەۋەنلىكىنى ھېچكىم كەچۈرمەيدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ نامى شۇنچىلىك ئۇلۇغكى، ئۇ خاتالاشمايدىغان‹‹پەرىشتە›› بولۇشى كېرەك. شۇڭا، سىنىپ مۇدىرى ئاتا – ئانىلارنى تەربىيەلەش بىلەن بىللە، تەربىيەلەش ئۇسۇللىرىغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

    مېنىڭچە، سىنىپ مۇدىرى ئاتا – ئانىلارنى تەربىيەلەشتە:

    بىرىنچىدىن، سىنىپ مۇدىرى ئاتا – ئانىلار سىنىپ يىغىنىدىن پايدىلىنىپ ئاتا – ئانىلارنى تەربىيەلەش كېرەك. ئاتا – ئانىلار يىغىنى مەۋسۇمدە بىر ياكى ئىككى قېتىم ئېچىلغاچقا، سىنىپ مۇدىرى بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، سىنىپتا كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئاتا – ئانىلار بىلەن سەمىمىي، ئوچۇق – يورۇق سۆھبەتلىشىش كېرەك. تەربىيە ئايرىم ئاتا – ئانىلارغىلا مەركەزلىشىپ قېلىشتىن، مەسىلە سادىر قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرىنى تىلغا ئېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

    ئىككىنچىدىن، سىنىپ مۇدىرى سىنىپ ئۈندىدار توپىدىن پايدىلىنىپ تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. ھازىرقى ئۇچۇر – ئالاقە دەۋرىدە، ئۈندىدار توپلىرى قۇرۇلۇپ، ئالاقە ئىشلىرى راۋانلاشتى، مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلار توپى ۋە ئاتا – ئانىلار توپلىرىدا پەرزەنت تەربىيەسىگە ئائىت سەرخىل مەزمۇنلارنى يوللاش ئارقىلىق، ئاتا – ئانىلارنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

    ئۈچىنچىدىن، سىنىپ مۇدىرى مەسىلە سادىر قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى بىلەن باراۋەر، دوستانە كەيپىياتتا ئايرىم سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش كېرەك.

    تۆتىنچىدىن، سىنىپ مۇدىرى ئاتا – ئانىلار ۋەكىللىرىنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك.

    بەشىنچىدىن، سىنىپ مۇدىرى، دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ ئاتا – ئانىلارنى تەربىيەلەشكە ماھىر بولۇش كېرەك. بەزى سىنىپ مۇدىرلىرى سىنىپنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىسىمۇ، ئاتا – ئانىلار خىزمىتىنى كۆڭۈلدىكىدەك ئىشلىيەلمەسلىكى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا سىنىپ مۇدىرى تەجرىبىلىك پېشقەدەم دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ھەمكارلاشقان ئاساستا، ئاتا – ئانىلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى ئىشلەش كېرەك.

    ئالتىنچىدىن، سىنىپ مۇدىرى شارائىت يار بەرسە، داڭلىق پىسخولوگلارنى ۋە ياكى پەرزەنت تەربىيەسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئاتا – ئانىلارنى تەكلىپ قىلىپ، لېكسىيە ۋە تەجرىبە سۆزلىتىش ئارقىلىق ئاتا – ئانىلارنى تەربىيەلەش كېرەك.

    

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى