ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مۇھاكىمە مۇنبىرى

ئاتا- ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى، بالىنىڭ ئەينىكى

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 12 - ئاينىڭ 27- كۈنى 04:54   |    ئاپتور : ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ  |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    

    جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، تور، ئۈندىدار قاتارلىق ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ ئومۇملىشىشى، ئۆگىنىش، خىزمەت، تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىشى، توي – تۆكۈن، قاتار چاي ۋە باشقا ھەر خىل نامدىكى ئولتۇرۇشلارنىڭ كۆپىيىشى كىشىلىك مۇناسىۋەت شەكلىنىڭ جىددىي ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. جۈملىدىن، ئۆزئارا ئاغرىق يوقلاش، سالاملىشىش، مېھمان كۈتۈش، تاماقلىنىش... دېگەندەك قائىدە – يوسۇن، سالام – سەھەتلىرىمىز بەزىدە تېلېفوندا ئەھۋال سوراش، قىزىل بولاق شەكلىدە تور ئارقىلىق كۆڭلىمىزنى ئىپادىلەشلەر بىلەنلا ھەل قىلىنىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە بالىلىرىمىزنى ئۆزىمىزدە بار ئېسىل ئۆرپ – ئادەت، قائىدە – يوسۇنلىرىمىزنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇرۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇۋاتىدۇ. ھەممەيلەن ھېرىپ – چارچىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، تېلېۋىزور، ئۈندىدارغا بېشىچىلاپ كىرىپ كېتىشتۇق. شەنبە – يەكشەنبە، ھېيت – بايراملاردا بىر ئائىلە كىشىلىرى بىللە باغچىلارغا بېرىپ بىردەم – يېرىمدەم سەيلە – ساياھەت قىلىشىدىغان، تەتىللەردە بالىلارنى يىراق – يېقىننى ساياھەت قىلدۇرۇپ نەزەر دائىرىسىنى ئاچىدىغان ئادەتلىرىمىز بارغانسېرى ئازلاپ ئۇلارنى تۈگىمەس كۇرسلارغا بېرىۋېتىپ، ھەممىدىن قۇتۇلىدىغان بولۇشتۇق.

    بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار ئىلگىرىكىدەك دالىلاردا، دوقمۇشلاردا، مەھەللىلەردە قىيقاس – چۇقان سېلىپ ئوينايدىغان بالىلارنىڭ بارغانسېرى ئاز قېلىۋاتقانلىقىدىن، بالىلارنىڭ مەكتەپتىن كېلىپلا ئۆز ھوجرىسىغا كىرىۋېلىپ يان تېلېفون ياكى كومپيۇتېردا كىملەر بىلەندۇ پاراڭلىشىۋاتقانلىقلىرىدىن، تور ئويۇنلىرىنى ئوينىشىۋاتقانلىقىدىن ياكى تېلېۋىزور دۇنياسىدىكى تۈگىمەس قونچاق فىلىملەرگە مەستانە بولۇپ كېتىشلىرىدىن خەۋپسىرەيدىغان، ئۇلارنىڭ بارغانسېرى تېرىككەك، باھانىخور، قورقۇنچاق ھالىتىدىن بىئاراملىق ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدى.

    نىھايەت، ھازىرقى كۆپ قىسىم ئاتىلارنىڭ بالىلىق چاغلىرى تولىمۇ قىيىن شارائىتتا ئۆتكەن، ئۇلار ئويۇنچۇقلىرىنى ئۆزلىرى ياسايتتى، دەريا، ئېرىق – ئۆستەڭلەردە بېلىقتەك ئەركىن ئۈزۈپ، قىر – دالالاردا كېيىكتەك چېپىشىپ، قۇملۇقلاردا پالۋانلاردەك چېلىشىپ، تېرەكلەرگە يامىشىپ چىقالايتتى. ئويۇن ئويناپ خېلى قاتتىق يارىلانسىمۇ ئاتا – ئانىسىغا چاندۇرماستىن ھېچنېمە بولمىدىم دېيەلەيدىغان قەيسەر ۋە قورقماس ئىدى. بىراق، بۈگۈنكى رېئاللىق ئىلگىرىكىگە پەقەتلا ئوخشىمايۋاتاتتى. بۇ ھال ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى بولغان ئاتىلارنىڭ ئائىلىدىكى ئورنىغا نىسبەتەن بىر قېتىملىق جەڭ ئېلان قىلىش بولدى. ئۇلار بالىلىرىنى ھەر جەھەتتىن ئەتراپلىق تەربىيەلىشى، كەلگۈسىنىڭ ياراملىق ئىز باسارلىرىدىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشى كېرەك ئىدى. لېكىن ھازىرقى زامان بالىلىرىمىزدىكى بەزىبىر ھالەتلەر ئاتىلىرىمىزنى خېلىلا گاڭگىرىتىپ قويىۋاتىدۇ. كونىلاردا ‹‹ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چار قۇيرۇق››، ‹‹ھارۋىنىڭ ئالدى چاقى قانداق ماڭسا، كەينى چاقى شۇنداق ماڭىدۇ›› دەيدىغان ھېكمەتلەر بار. روشەنكى، بۇ ھېكمەتلەردە ئاتىنىڭ رولى ۋە ئورنى تولىمۇ ئوبرازلىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

    مەلۇمكى، بالىلارنىڭ دوراش خاراكتېرى تولىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇلار چوڭلارنىڭ گەپ – سۆزلىرىگە، ئىش – ھەرىكەتلىرىگە زەن سالىدۇ، دورايدۇ. دېمەكچىمەنكى، ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى بولغان ئاتا نېمىگە قىزىقسا، بالىسىمۇ شۇنىڭغا قىزىقىدۇ. ئاتا نېمىنى يامان كۆرسە بالىمۇ شۇنى يامان كۆرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتىلاردا چوقۇم بالىلارغا ئۈلگە بولالايدىغان روھ ۋە ساپا بولۇشى كېرەك. ئەگەر بىر ئاتىدا ئۆزىگە نىسبەتەن مەسئۇلىيەتچانلىق بولمىسا، شۈبھىسىزكى بۇ ئائىلىدە ئۆسۈپ – يېتىلىۋاتقان بالىلارنىڭ ساغلام روھ بىلەن چوڭ بولۇشىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ. ئەگەر سىز بىر مەسئۇلىيەتچان ئاتا بولسىڭىز، ئالدى بىلەن ئىشنى ئۆزىڭىزدىن باشلاڭ، ئۈلگە بولۇڭ.

    ھەر كۈنى بىرەر سائەت ۋاقىت چىقىرىپ بالىڭىز بىلەن پاراڭلىشىڭ، پارىڭىڭىز بالىڭىز قىزىقىدىغان، جۈملىدىن ئۇنىڭ بۈگۈن كىملەر بىلەن دوست بولغانلىقى، مەكتەپكە بېرىش يولىدا نېمىلەرنى كۆرگەنلىكى، يېقىندىن بېرى ھاۋارايىنىڭ تازا ياخشى بولمايۋاتقانلىقى دېگەندەك تېمىلاردا بولسۇن، شۇندىلا بالىڭىزدا دادام ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىكەن دېگەن ھېسسىياتنى شەكىللەندۈرەلەيسىز. ھە دېسىلا ‹‹ئۆگىنىش نەتىجەڭ قانداقراق؟ نېمىشقا ئىمتىھاندىن تۆۋەن نومۇر ئالدىڭ؟ سەن زادى ئويۇندىن باشقىنى بىلمەيسەن!›› دېگەندەك بالىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىدىغان گەپلەرنى قىلىپ بالىڭىزنى بىزار قىلىپ قويماڭ.

    بالىڭىز ياقتۇرۇدىغان بىرەر قونچاق فىلىمى ياكى كىنونى بىللە كۆرۈڭ، شۇ فىلىمدىكى ئىجابىي، سەلبىي قەھرىمانلارنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرى توغرىسىدا پاراڭلىشىڭ، شۇندىلا بالىدا ‹‹ئاتام مېنىڭ قىزىقىشىمغا ھۆرمەت قىلىدىكەن›› دەيدىغان كۆز قاراش شەكىللىنىدۇ. ئاتا – بالا ئوتتۇرىسىدىكى ئارلىق تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ.

    بەزىدە بالىڭىز بىلەن بىللە تاپشۇرۇق ئىشلىشىپ بەرسىڭىز، ئۇنىڭ تاپشۇرۇق تېمىلىرى توغرىسىدا بىرلىكتە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشۈپ بەرسىڭىز، بالىدا شۈبھىسىزكى، سىزگە بولغان ئىشەنچ ۋە ھۆرمەت تۇيغۇسى شەكىللىنىدۇ. ھەرگىزمۇ بالىغا‹‹ئۆگىنىش دېگەن سېنىڭ ئىشىڭ، مەن مەكتەپتە ئوقۇپ بولغان›› دېگەندەك گەپلەرنى قىلماڭ، ئەگەر تاپشۇرۇق تېمىسى سىز بىر تەرەپ قىلالمايدىغان تېما بولسا، بالىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشلىشىگە بېرىپ يېنىدا بىللە ئولتۇرۇڭ، ئەمما، ئۇنى تاپشۇرۇق ئىشلەشكە سېلىپ قويۇپ، ئۆزىڭىز تېلېۋىزور كۆرۈپ، ئۈندىدار ئوينايدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىڭ.

    توي – تۆكۈن، نەزىر – چىراغ، ئاغرىق يوقلاشلارغا بالىمىزنى بىللە ئېلىپ بارساق، بالىلىرىمىز تۈرلۈك قائىدە – يوسۇن، مېھماندارچىلىق ئەدەپلىرىنى، جامائەت بىلەن قانداق ئارىلىشىش، قانداق سالاملىشىش ... دېگەندەكلەرنى تەبىئىيلا ئۆگىنىۋالىدۇ، باشقىلار بىلەن ئاكتىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالايدىغان، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، كوللېكتىپنى قىزغىن سۆيىدىغان، جامائەت ئەخلاقىغا ئاكتىپ رىئايە قىلىدىغان ئېسىل خىسلەتنى يېتىلدۈرىدۇ.

    ئارام كۈنلىرىدە بالىلىرىمىزنى كىتابخانىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ بىر – ئىككى سائەت كىتابخانىنى ئايلىنىشىغا ھەمراھ بولۇپ، بالىڭىز ياقتۇرىدىغان بىر – ئىككى پارچە كىتاب ئېلىپ بەرگەندىن كېيىن ئۇنى باغچا، ئويۇنچۇقخانىلاردا قانغۇچە ئوينىتىڭ. بالىڭىزنىڭ كىچىككىنە ئارتۇقچىلىقلىرىنىمۇ ماختاپ تۇرۇڭ، تۇغۇلغان كۈنلىرىنى دوستلىرى بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈپ بېرىڭ. پات – پات كىچىك سوۋغاتلار ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىڭ. مەلۇمكى، تولا ئەيىبلىنىدىغان بالىلار قورقۇنچاق، ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر بالا قانچە كۆپ ئىلھاملاندۇرۇشقا ئېرىشسە شۈبھىسىزكى، بالىدا ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى ئاشىدۇ.

    بەزى بالىلار ئاتا – ئانىسى بولۇپمۇ دادىسى بىلەن بىللە ئويناشنى قەۋەتلا ياخشى كۆرىدۇ. سىز كۈندە ۋاقىت چىقىرىپ ئۆيدە ئويناشقا ئەپلىك ئويۇنلارنى بالىڭىز بىلەن بىللە ئوينىسىڭىز بالىڭىزدا سىزنى ئۆزى بىلەن باراۋەر كۆرگەنلىكىڭىزدىن تولىمۇ خۇشاللىق ھېس قىلىدىغان كەيپىيات شەكىللىنىدۇ. بالىلار ئالدىدا باشقىلارنىڭ يامان گېپىنى قىلماڭ، بولۇپمۇ ئانىسىنىڭ يامان گېپىنى قەتئىي قىلماڭ، بەزى ئاتىلار ھە دېسىلا بالىلىرى بار يەردە ئايالى بىلەن ئۇرۇشىدۇ ياكى بالىلارغا ئانىسىنىڭ يامىنىنى ئېيتىدۇ. گەرچە، ئايالىڭىز سىزنى مەيلى قانداق شەكىلدە رەنجىتكەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ بالىلىرىڭىزنىڭ نەزەرىدىكى ئەڭ پاك، ئەڭ مېھرىبان غەمگۇزارى! ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىش ماھىيەتتە ئۆزىڭىزنى ھاقارەتلىگەنلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بالىلارنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ مېھرىبان ئانىسىنىڭ ئورنىنى تۆۋەنلىتىىش، ئەڭ ئاخىرىدا سىزنىڭ ئورنىڭىزنىڭ بالىلار نەزەرىدە ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغان ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس!

    بالىلارغا ئاتا – بوۋىلىرىڭىز، جەمەتىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك تەسىرلىك ھېكايىلەرنى، ئەسلىمىلەرنى ئېيتىپ بېرىڭ، بۇنداق قىلىش شۈبھىسىزكى، بالىلاردا ئۆز جەمەتىدىن پەخىرلىنىدىغان ھېسسىياتنى شەكىللەندۈرىدۇ – دە، ئائىلىنىڭ شان – شەرىپى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلايدىغان ياخشى خاراكتېر يېتىلدۈرەلەيدۇ.

    قىسقىسى، ئاتا بولغۇچىنىڭ ساپاسى ۋە خاراكتېرى بالىنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىشىگە ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ئاتىلار بالىلار ئالدىدىكى ئوبرازىغا ئەھمىيەت بېرىشى، ئۇلارنىڭ ئوي – خىياللىرىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئېسىل ئادىمىيلىك پەزىلىتى ۋە يۈكسەك ئەخلاقى بىلەن ئۆز پەرزەنتلىرىگە ھەقىقىي ئۈلگە بولۇشى لازىم. شۇنى ئۇنۇتماڭكى، ئاتا ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپلا قالماي، ھەر چاغ بالىنىڭ ئەينىكىدۇر!

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى