ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مۇھاكىمە مۇنبىرى

«قېرىنداشلىق مېھرى»دىن تۇغۇلغان ئويلار

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 12 - ئاينىڭ 27- كۈنى 04:53   |    ئاپتور : مەنزۆھرە ئىبراھىم  |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    

    باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4 – يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا ‹‹قېرىنداشلىق مېھرى›› دېگەن تېمىدا ماقالە يېزىش تاپشۇرۇقىنى بەرگەنىدىم. ئوقۇغۇچىلار ماقالىلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، كۆرگەن ۋە ھېس قىلغانلىرىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. ماقالىلەرنى كۆرۈۋېتىپ، بىر ئوقۇغۇچىنىڭ يازغان ماقالىسىنىڭ مەزمۇنى دىققىتىمنى تارتتى ھەم مېنى چوڭقۇر ئويغا سالدى. بۇ ماقالە مۇنداق ئىدى:

    مېنىڭ سىڭلىم بۇ يىل تۆت ياشقا كىردى، ئۇنىڭ قاپقارا چاچلىرى، بۇلاقتەك كۆزلىرى، ئويماقتەك ئېغىزى، ئوماق چىرايى، چۈچۈك گەپ – سۆزلىرى، ئۆزىگە ياراشقان يېقىملىق قىلىقلىرى كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ. دادام – ئاپام سىڭلىمنى قەۋەتلا ياخشى كۆرگەچ، ئۇنىڭغا پات – پاتلا يېڭى كىيىم، ئويۇنچۇقلارنى ئېلىپ بېرىدۇ. ئىشقىلىپ سىڭلىم ئائىلىمىزنىڭ مەلىكىسى، مەن بولسام بۇ ئۆيدە ئۇنتۇلۇشقا باشلىغان غېرىب بالا. ئاتا – ئانامنىڭ سىڭلىمنى ۋاي دېيىشلىرىنى كۆرسەم ئىچىمنىڭ تارلىقى كېلىدۇ. ‹‹ھەي، ئۇنداق ئويلىماي، ئۇ دېگەن مېنىڭ جان – جىگەر قېرىندىشىم ئەمەسمۇ؟ ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ يەنە بىر قېرىندىشىم بولمايدۇ...›› دەپ ئۆز – ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىمەن. لېكىن ئاتا – ئانام سىڭلىمنىڭ تىلى چىقىپ، چوكا تۇتالايدىغان بولغانغا قەدەر، ئۇ ياخشى كۆرىدىغان تاماقلارنى سوراپ – يۈرۈپ ئېتىپ بېرىۋاتىدۇ، مەندىن بىرەر قېتىممۇ ‹‹نېمە تاماق يېگۈڭ كېلىۋاتىدۇ؟›› دەپ سوراپمۇ قويمايدۇ. ئويۇنچۇقلىرىنى ئويناي دېسەم پەقەتلا تۇتقۇزمايدۇ. بىر قېتىم سىڭلىمنىڭ يېڭى ئالغان قونچىقىنى ئويناۋاتاتتىم، سىڭلىم كۆرۈپ قېلىپ بېشىمغا بىر مۇشت سالدى. گەرچە ئۇنىڭ كىچىككىنە مۇشتۇمى قاتتىق تەگمىسىمۇ، لېكىن بەكلا كۆڭلۈمگە كەلدى. ئۇنىڭغا ئالىيىپ قويدۇم، بۇ قېتىم ئۇ ماڭا ‹‹خىرىس›› قىلىپ، يۈزۈمنى تاتىلىۋەتتى. ئاغرىقنىڭ دەستىدىن ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي سىڭلىمنى ئۇردۇم. سىڭلىم بار ئاۋازى بىلەن چىرقىراپ يىغلاپ، ئۆينى بېشىغا كىيدى. بۇنى ئاڭلىغان دادام ئۇچقاندەك كىرىپلا، مەندىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سۈرۈشتۈرمەيلا ‹‹سىڭلىڭنى بوزەك قىپسەن، ئۇنى ئۇرغىلى قانداقمۇ قولۇڭ بارغاندۇ...›› دەپلا بىلىكىمدىن تۇتۇپ سۆرىگىنىچە ئاپامنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىقتى. ئاپاممۇ قوشۇلۇپ مېنى ئەيىبلىدى. شۇ تاپتا مەن ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن جىنايەتچىدەك، بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ يىغلاپ تۇرۇپ خاتالىقىمنى تونۇغانلىقىمنى دېسەممۇ، لېكىن ئىچ – ئىچىمدىن قايىل بولماي، دادام – ئاپامغا نارازى بولدۇم. بۇنداق ئىشلار بۇ قېتىملا يۈز بەرگىنى يوق. سىڭلىم ھەر قېتىم بىچارە قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، مېنى دادام – ئاپامغا چېقىشتۇرۇپ ئەدىپىمنى بەرگۈزىدۇ. ئەسلىدە يالغۇز بالا بولغان بولسام، مەن ‹‹شاھزادە››دەك كۈتۈنۈپ، بۇنداق كۆڭۈل ئاغرىقلىرىغا، ئۇۋالچىلىقلارغا ئۇچرىمىغان بولاتتىم. مەن سىڭلىمغا بەكلا ئۆچ. ئۇنداق قېرىندىشىمنىڭ بولغىنىدىن بولمىغىنى ياخشى. ھازىر سىڭلىم كۆزۈمگە ‹‹ئالۋاستى››دەك كۆرۈنىدۇ...

    بۇ ماقالىنى ئوقۇپ بولۇپلا، تەنەپپۇس ئارىلىقىدا بۇ ئوقۇغۇچىنى ئىشخانامغا ئەكىرىپ، ئۇنىڭ گالىستۇكىنى ۋە ياقىلىرىنى تۈزەشتۈرگەچ، ئۇنىڭغا:

    ــ ئەلى، سىز سىڭلىڭىزغا بۇنچىلىك ئۆچلۈك قىلسىڭىز بولمايدۇ. چوقۇم ئوتتۇرىڭلاردا ئۇقۇشماسلىقلار باردەك قىلىدۇ، سىز ئاتا – ئانىڭىزنىمۇ خاتا چۈشىنىۋاپسىز. سىز دېگەن بالىلارنىڭ چوڭى، سىزنىمۇ ئاتا – ئانىڭىز سىڭلىڭىزدەك ۋاقتىڭىزدا خۇددى سىڭلىڭىزنى ئارزۇلىغاندەك ئارزۇلاپ باققان. سىڭلىڭىز تېخى كىچىك، ئۇ ئاسراشقا، كۆيۈنۈشكە موھتاج. تېخى غەرەز ئۇقۇپ كەتمەيدۇ. ئوغۇل بالا دېگەن قەيسەر، كەڭ قورساق كېلىدۇ. سىزمۇ ئاكىلىق مېھرىڭىز بىلەن سىڭلىڭىزغا كۆيۈنسىڭىز، سىڭلىڭىز سىزگە تېخىمۇ ئامراق بولىدۇ. سىز مەكتەپتىن تەلىم ئېلىۋاتقىلىمۇ نەچچە يىللار بولدى، بۇ جەرياندا ئوقۇتقۇچىلىرىڭىزنىڭ سىزگە سىڭدۈرگەن تەربىيەسىمۇ ئاز ئەمەس. سىزنىڭ سىڭلىڭىز بىلەن چىقىشىپ كېتەلەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن. ياخشىراق ئويلىنىپ بېقىڭ، سىڭلىڭىزنىڭ سىز ئۈچۈن قىلغان بىرەر ياخشى ئىشىنى بولسىمۇ ئەسلەپ كۆرۈڭ...

    ــ ھە راست مۇئەللىم، بىر قېتىم مەن ئاغرىپ قىزىپ قالغىنىمدا سىڭلىم ماڭا قاراپلا يىغلاپ كەتكەن... ئاپام سىڭلىمغا، يېڭى كىيىم ئېلىپ بەرگەندە، ئۇ ئاكامغىمۇ ئالايلى دەپ تۇرۇۋالغان... تۇغۇلغان كۈنۈمدە خاتىرە سوۋغا قىلغان، قوشنىمىزنىڭ ئوغلى مېنى ئۇرۇۋالغاندا ئۇ مېنىڭ كۆز ياشلىرىمنى سۈرتكەن...

    بۇ گەپلەرنى قىلىۋېتىپ، ئەلى تەسىرلەنگەندەك بولدى. مەن ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ:

    ــ قېرىنداش دېگەننىڭ رىشتى چوڭقۇر بولىدۇ. باشقا كۈن چۈشسە، بىرىنچى بولۇپ قېرىندىشىمىز يېنىمىزغا پەيدا بولىدۇ. بۇلارنى سىز ھېلىھەم ئانچە – مۇنچە ھېس قىلالىپسىز. ئەمدى بۇ قېتىم يازغان ماقالىڭىزگە، سىڭلىڭىزنىڭ سىزنى تەسىرلەندۈرگەن ئىشىنى، يەنى سىزنىڭ پوزىتسىيەيىڭىزنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەسىر قىلغان ئىشنى يېزىپ كېلىڭ. بۇنى سىز چوقۇم قىلالايسىز.

    ــ رەھمەت مۇئەللىم، مەن چوقۇم ماقالەمنى قايتا يېزىپ كېلىمەن.

    شۇنداق قىلىپ كۆڭلۈم بىر ئاز جايىغا چۈشكەندەك بولۇپ، يەنە بىر مۇنچە ماقالە دەپتەرلەرنى ۋاراقلاشقا باشلىدىم. يەنە بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ماقالىسىنىڭ مەزمۇنى مېنى يەنە ئويلاندۇردى. ماقالىدە تۆۋەندىكى مەزمۇنلار يېزىلغانىدى:

    بۇ قېتىم تىل – ئەدەبىيات مۇئەللىمىمىز بىزگە ‹‹قېرىنداشلىق مېھرى›› دېگەن تېمىدا ماقالە يېزىش تاپشۇرۇقى بەردى. دەماللىققا قانداق باشلاشنى بىلەلمەي قالدىم. چۈنكى مېنىڭ بىرمۇ قېرىندىشىم يوق. تىكەندەك يالغۇز بالىمەن. مەن ھەر قېتىم ساۋاقداشلىرىم ۋە دوستلىرىمنىڭ قېرىندىشى توغرىسىدىكى گەپلىرىنى ئاڭلىسام، كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولىدۇ. ئاكا – ئاچىلىرى قولىدىن يېتىلىگەن بالىلارنى كۆرگىنىمدە ‹‹مېنىڭمۇ يا ئاچام، يا ئاكام بولسا بولمامدۇ؟›› دېگەنلەرنى ئويلاپ كېتىمەن. ئۇكا – سىڭىللىرىنى ئوينىتىۋاتقانلارنى كۆرگەندىمۇ ئوخشاشلا، ئوماق بىرەر سىڭلىم ياكى ئۇكامنىڭ بولۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىپ كېتىمەن. قېرىندىشى بولسا نېمىدېگەن ياخشى – ھە! لېكىن مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قېرىندىشىم بولمايدۇ. ئاپام مېنى تۇغۇپ بولۇپ كېسەل بولۇپ قالغان ئىكەن. شۇڭا بۇ دەردىمنى ئاپامغا ئېيتالمايمەن. دادام ماڭا: ‹‹نەۋرە ئاكا – ئۇكا، ئاچا – سىڭىللىرىڭىزمۇ ئۆز قېرىندىشىڭىزغا ئوخشاش›› دەيدۇ. ئەمما ئۇلار مەن بىلەن بىر ئۆيدە تۇرمىغاچقا، ماڭا قېرىندىشىم باردەك تۇيغۇ بەرمەيدۇ. بوۋا – مومىلىرىمىزنىڭ ئۆيىدە ھەپتىدە ياكى ئايدا ئۇچرىشىپ تۇرغاچقا، مېھرىمىز چوڭقۇرلىشىپ كەتمەيدىكەن. مەن ئۇلار بىلەن ھەر قانچە يېقىنلىشاي دېسەممۇ، لېكىن ئۇلارنىڭمۇ بىر قورساق قېرىنداشلىرى بولغاچقا، ماڭا ئۆز قېرىندىشىدەك مۇئامىلە قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ بىرلىشىۋېلىپ، مېنى ئانچە ئارىغا ئالمىغانلىقىدىن كۆڭلۈم بەك يېرىم بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر – بىرىگە ئامراقلىقىنى كۆرۈپ بەكمۇ مەستلىكىم كېلىپ، قېرىنداشلىق مېھىر – مۇھەببەتنىڭ نەقەدەر چوڭقۇرلۇقىنى ھېس قىلىمەن.

    بۇ ماقالىنى ئوقۇپ، كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ قىزنىڭ ماقالە دەپتىرىگە ئاددىيلا قىلىپ، مۇنۇ جۈملىلەرنى يازدىم.

    ‹‹گۈلگىنە، سىزگە ئوخشاش يالغۇز پەرزەنتلەر ئەتراپىمىزدا ناھايىتى كۆپ. بەزى يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ قېرىندىشى يوق بولۇپلا قالماي، ئاتا – ئانىسى يوق، ئىگە – چاقىسىز يېتىم قالغانلارمۇ بار. ئۇلار دارىلئېتاملاردا چوڭ بولىدۇ. ئۇلارغا نىسبەتەن ئۇ يەر ئۇلارنىڭ ئائىلىسى. ئۇلار ئۆزئارا قېرىنداش. ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان ئاكا – ھەدىلەر بولسا ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى. سىز ئۇلاردىن كۆپ بەختلىك. سىزنىڭ ئاتا – ئانىڭىز ۋە ئىللىق ئائىلىڭىز بار. سىز ئاتا – ئانىڭىزنىڭ يۈرەك پارىسى، بىردىنبىر ۋارىسى، گۆھىرى. كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، سىز ناھايىتى بەختلىك قىز. ئىنسان ئۈچۈن بەخت ئىچىدە تۇرۇپمۇ، بەختنى ھېس قىلالماسلىقتىن ئارتۇق ئەخمەقلىق بولمايدۇ. ئەمدى ئەخمىقانە خىياللارنى قىلماي، مەغرۇر ياشاڭ››.

    بالىلىرىمىز كىچىك بولغىنى بىلەن ئۇلارمۇ بەزىدە چوڭ ئادەملەردەك پىكىر يۈرگۈزىدۇ. چوڭ بولغانسېرى تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلايدىغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى تۈگۈنلەرنى يېشىپ، ئىدىيەسىدىن ئۆتمىگەنلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ بېرەيلى. مەيلى ئاتا – ئانىلار ياكى ئوقۇتقۇچىلار بولسۇن، بالىلار دۇنياسىغا چوڭقۇر چۆكەيلى! ئۇلارنىڭ قەلب تىۋىشلىرىغا قۇلاق سالايلى! بالىلار دۇنياسى چۆلدەرەپ، غېرىبسىنىپ قالمىسۇن! قەلبى مېھىر – مۇھەببەت باغچىسىدا ئىللىقلىققا تولسۇن!

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى