ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

شىنجاڭدا 8700دىن ئارتۇق نامرات يېزا پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى يىراق مۇساپىلىك مائارىپ بىلەن تەڭ قەدەمدە تەربىيەلەندى

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 12 - ئاينىڭ 27- كۈنى 03:38   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

    ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نامرات كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىلىرىنى تەربىيەلەش ئۈلگە كۆرسىتىش كۇرسى يېقىندا قەشقەر پارتىيە مەكتىپىدە باشلاندى، بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشتە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرچە دەرس ئۆتۈلدى ھەمدە قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 171يېزا-بازاردا شۆبە دەرسخانا تەسىس قىلىنىپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى بارلىق يېزىلاردىكى «ئىككى كومىتېت»نىڭ بىرىنچى قول باشلىقلىرى كۇرسقا قاتناشتى، 8700دىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام كادىرى تەڭ قەدەمدە يىراق مۇساپىلىك تەربىيەلەندى.

    جەنۇبىي شىنجاڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى بولۇپ، نامرات نوپۇس كۆپ، نامرات رايونلار بىر قەدەر مەركەزلەشكەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي ئاجىز. قەشقەر ۋىلايىتىدە نامرات كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىلىرىنى ئۇيغۇرچە تەربىيەلەش ئۈلگە كۆرسىتىش كۇرسى ئېچىشتا، نامراتلىقنى تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش باش تېمىسى چۆرىدەلگەن، بۇنىڭدىن مەقسەت كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىلىرىنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەمدە يىراق مۇساپىلىك مائارىپ سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ نامرات كەنتلەرنىڭ بىرىنچى قول باشلىقلىرىنى تەربىيەلەش، بىرمۇ كەنت بىرمۇ ئادەمنى قالدۇرۇپ قويماسلىق.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى