ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

سەككىزىنچى تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 12 - ئاينىڭ 27- كۈنى 03:32   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

    

    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

    2013-يىلى شىنجاڭغا كىرگەندىن بۇيان 8-تۈركۈمدىكى 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان 20 خىزمەت ئەترىتى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، مەبلەغ ۋە تۈر ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئاساسى قاتلامغا، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كاپالەتلىك قىلىشقا يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەخت سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا كىرىشتۈردى، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىشقا ياردەم بېرىدىغان جىددىي، قېيىن ئىشلارنى ھەل قىلىپ، ئىقتىسادى جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ، ئاساسنى كۈچەيتىپ، خەلق قەلبىنى ئىللىتتى.

    مەلۇماتقا قارىغاندا، 8-تۈركۈمدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سېلىنمىسى 36 مىليارد 490مىليون يۈەن بولۇپ، 2971 خەلق تۇرمۇشى تۈرىنى يولغا قويغان، خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرۇش خەلقنى بېيىتىش ئۆيى ۋە مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ئۆيىدىن 758مىڭ يۈرۈشنى يېڭىدىن سالغان ياكى ئۆزگەرتكەن. ئۈچ مىليوندىن كۆپرەك ئاممىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىغان. 9-ئاينىڭ ئاخىرغىچە، ئىقتىسادى جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە جەمئىي 3451 تۈرنى كىرگۈزۈپ، تەخمىنەن 683مىليارد 900مىليون يۈەن مەبلەغنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن. تۇرالغۇ ئۆي، مەكتەپ، دوختۇرخانا، پاراۋانلىق ئورنى ۋە تاشيول، كۆۋرۈك تۈرىدە داۋاملىق مەبلەغنى ئىشلىتىپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان بولۇش، كېسەل بولسا داۋالىنىش، تېخنىكىدا ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولۇش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، مۇھىتى ئازادە، كىرىمىنىڭ كۆپىيىپ، تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولغان، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ چېھرىدە كۈلكە جىلۋىلەنگەن.

    چۆچەك شەھىرى ئېمىل يېزىسى سارېۋۇلىن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى رىېھم غازى، گۇما ناھىيەسى كەڭقىر كەنت ئاھالىسى ئابدۇغېنى ئابدۇ جېلىل قاتارلىقلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە ھەقىقەتەن كىشىلەرنىڭ قەلبى ئېللىدى. يېزا يوللىرى ياخشىلاندى، مەيدانلار سېلىندى، دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى كۆپەيدى، بېيىش يولىمۇ كېڭەيدى، بىز پارتىيە مەركىزى كومىتېتىغا چىن كۆڭلىمىزدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەن ئۆلكە، شەھەرلەرگە رەھمەت ئېيتىمىز، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۈچ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەن 4مىڭدىن كۆپرەك كادىر ئىختىساس ئىگىسى مىڭ كېچە-كۈندۈز دەۋر بۇرچى ۋە تەشكىلنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئەستە مەھكەم ساقلىدى، 774مىڭ ئادەم قېتىم ئىقتىساد ئىگىسى تەربىيەلەندى، 30 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تۈرلۈك ئىختىساس ئىگىسى كىرگۈزۈلدى، ئۇلار سەمىمىيىلىك ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ غېمىنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، چوڭقۇر مېھرى-مۇھەببەت ۋە قايناق ھېسسىيات بىلەن كىشىلىك ھايات سەھىپىسىنى يېزىپ، تارىخ ۋە خەلققە جاۋاب قايتۇردى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى