ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مۇھاكىمە مۇنبىرى

ياشانغان كادىرلار خىزمىتىنىڭ ئىستىقبالى چوڭ

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 12 - ئاينىڭ 27- كۈنى 03:00   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

    

    خەلق گېزىتىدە ياشانغان كادىرلار خىزمىتىنىڭ ئىستىقبالى كەڭ ماۋزۇلۇق ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

    ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ياشانغان كادىرلار خىزمىتى جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى، نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە پېنسىيەگە چىققان كادىر 20 مىليونغا يېتىدۇ، بۇنىڭ 11مىليونى پارتىيەلىك، 210مىڭى پارتىيە ياچېيكىسىدا. بۇ پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم بايلىقى ۋە مۇھىم كۈچى، نۆۋەتتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇش ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىرگەن، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش يېڭى ئەمەلىيەتكە قەدەم تاشلىغان، ئىقتىسادى تەرەققىيات يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە كىرگەن پەيتتە ياشانغانلار ئىشلىرى تەرەققىياتى مۇھىم پۇرسەتكە دۇچ كەلدى، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ياشانغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئاكتىپ كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ بىزدىن ئاڭلىقلىق بىلەن سىياسىي ۋە ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ياشانغان كادىرلار خىزمىتى سەھنىسىدە مەركەزنى تېخىمۇ ياخشى چۆرىدەپ، ئومۇملۇق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، رولىمىزنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى