ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

نىيە ناھىيەسىدە، زامانىۋى پەن- تېخنىكا ئارقىلىق يېشىل ۋە ئورگانىك باقمىچىلىق سۇپىسى بەرپا قىلىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنى بېيىتتى

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 11 - ئاينىڭ 17- كۈنى 03:24   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى

دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە بولغان نىيە ناھىيەسىدە، شىنجاڭدىكى ۋېنجۇلۇق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى نىيە ناھىيەسىنىڭ قارا توخو بېقىش ئەنئەنىسىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا، زامانىۋى پەن- تېخنىكا ئارقىلىق يېشىل ۋە ئورگانىك باقمىچىلىق سۇپىسى بەرپا قىلىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنى بېيىتتى.

قىزىل ۋە كۆك رەڭ بىلەن سىرلانغان، ئۆلچەملىك سېلىنغان توخو فېرمىلىرى-- جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قىش مەنزىرىسىگە يېڭىلىق ئاتا قىلدى. بۇ-- شىنجاڭدىكى ۋېنجۇلۇق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىغا ئەزا بولغان شىنجاڭ «خەيدا» گۇرۇھىنىڭ 2014- يىلى نىيە ناھىيەسى يېيىق يېزىسىغا 2 مىليارد 175 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرغان «شىنجاڭ قاراقۇرۇم نىيە ئىكولوگىيەلىك دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق كەسپىي باغچىسى» بولۇپ، بۇ يەردە نىيە ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان «قاراقۇرۇم نىيە قارا توخوسى» بېقىلاتتى. توخو باقمىچىلىق ئورنىنىڭ ئىشچىسى مەتتوختى مەتتۇردى مۇنداق دېدى: «ئەر- ئايال ئىككىمىز ئىلگىرى ئازراق نىيە قارا توخوسى باقاتتۇق. ئىلمىي بولغان باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئىگىلىمىگەچكە، بازارمۇ مۇقىم ئەمەس ئىدى. بىر قانچە يىل توخو بېقىپمۇ پۇل تاپالمىغان ئىدۇق. ھازىر، ئايالىم ئىككىمىز توخو باقمىچىلىق ئورنىدا ئىشلەپ، خېلى كۆپ پۇل تاپىمىز. ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادىدىمۇ زور ئۆزگىرىش بولدى».

شىنجاڭ «قاراقۇرۇم» نىيە ئىكولوگىيەلىك دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى «شىركەت، بازا، كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى، دېھقانلار ئۆزئارا بىرىككەن» ئەندىزىسىنى قوللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش، ئاشلىق، ئوت- چۆپ، كۆچەت، باغ- ئورمان، باقمىچىلىق، يەم- خەشەك ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق، باقمىچىلىق ۋە تېرىقچىلىق، مەھسۇلات پىششىقلاپ ئىشلەش، ئىسكىلاتتا ساقلاش ۋە ئوبوروت قىلىش، سودا، ساياھەت بىر گەۋدىلەشكەن كەسپ زەنجىرىنى بارلىققا قەلتۈرۈپ، نىيە ناھىيەسى ۋە ئەتراپتىكى ھەر قايسى ناھىيەلەردىكى 50 مىڭدىن ئارتۇق باقمىچىلىق ئائىلىسىنىڭ ھەر بىرىنىڭ يىللىق كىرىمىنى 20 مىڭ يۈەن ئاشۇرۇش نىشانىنى بىكىتتى. شىنجاڭ «قاراقۇرۇم» نىيە ئىكولوگىيەلىك دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى زۇ شۆيىن مۇنداق دېدى: «بۇ تۈردىكى قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىۋاستە ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. يەنى، باقمىچىلىق رايونىدا 3 مىڭ ئادەمنى، قۇشخانىدا 500 ئادەمنى، توخۇم باستۇرۇش زاۋۇتىدا 400، 500 ئادەمنى بىۋاستە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغاندىن باشقا، 40، 50 مىڭ ئادەمنى ۋاستىلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ. 3 باسقۇچلۇق قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، توخو سانى 50 مىليونغا، ئىشلەپچىقىرىلغان تۇخۇم سانى 4 مىلياردقا، ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 9 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، يەرلىكتىكى ئاممىغا 3 مىليارد يۈەنگە يېقىن پايدا ئېلىپ كېلىدۇ».

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

مۇھەررىر : پەرھات ئەزىز

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى