ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

ئۈچ مىنىسىتىرلىق كومىتېت «مائارىپ خىراجىتىنى ئىستاتىستىكا قىلىش خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە كۈچەيتىش ھەققىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 11 - ئاينىڭ 15- كۈنى 03:11   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

    مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىشىپ «مائارىپ خىراجىتىنى ئىستاتىستىكا قىلىش خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە كۈچەيتىش ھەققىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ، ئىستاتىستىكا ۋە مالىيە تارماقلىرىنىڭ 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مائارىپ خىراجىتىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ بولۇشنى ئايدىڭلاشتۇردى. ئۇقتۇرۇشتا ھەر بىر ۋىلايەت، ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ يىللىق مائارىپ خىراجىتىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ھەمدە ئىدارە تور بېكەتلىرى ھەمدە گېزىت، ئىنتېرنېت قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئاشكارىلاپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش، پىرىنسىپ جەھەتتە ھەر يىلى مەملىكەت بويىچە مائارىپ خىراجىتى ئىستاتىستىكا ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى 30 خىزمەت كۈنى ئىچىدە تاماملاش تەلەپ قىلىندى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى