ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مۇھاكىمە مۇنبىرى

جۇڭخۇا ئېلىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلايلى

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 11 - ئاينىڭ 15- كۈنى 03:04   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

    خەلق گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى سانىدا جۇڭخۇا ئېلىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلايلى ماۋزۇلۇق ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

    ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: سۈن جوڭشەن ئەپەندى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 150 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، سۈن جوڭشەن ئەپەندىنىڭ ئۇلۇغ روھىغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز ۋە نۇرلاندۇرۇشىمىز، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشىمىز ئۈچۈن مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. سۈن جوڭشەن ئەپەندى جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە مۇھىم تۆھپە قوشقان بولۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ قەلبىدە يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە، بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ رەھبەرلىكى ۋە تەسىرىدە شىنخەي ئىنقىلابىي جۇڭگودا نەچچە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرگەن پادىشاھلىق تۈزۈمگە خاتىمە بېرىپ، تولۇق مەنىگە ئىگە يېقىنقى زامان مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلاب يولى ۋە جۇڭگونىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش ئىشىكىنى ئاچتى. جۇڭگو كوممونىستلىرى سۈن جوڭشەن ئەپەندىنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى باتۇرلارچە كۈرەش قىلىش، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، سۈن جوڭشەن ئەپەندى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولالمىغان ئىشلارنى ئورۇنلىدى. بۈگۈن بىز جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا تارىختىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ يېقىنلاشتۇق، ئىشەنچىمىز تارىختىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن كامىل ، بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزغا ئىقتىدارىمىز بار. سۈن جوڭشەن ئەپەندىنىڭ قىممەتلىك روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ۋارىسلىق قىلىپ جۇڭخۇا ئېلىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىش سۈن جوڭشەن ئەپەندىنى خاتىرىلەشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى