ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - تىل ۋە ئەدەبىيات

بالىلار ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدىكى تۆھپىكار ئۇستاز

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 11 - ئاينىڭ 14- كۈنى 03:43   |    ئاپتور : تاھىرجان ئاتاۋۇللا قوشماق  |   مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

                        

    قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، ماگىستېر يېتەكچىسى، تىرىشچان ئۇستاز بۇلبۇل ئەكرەم بالىلار ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدىكى تۆھپىكار تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ بىرى.

    بۇلبۇل ئەكرەم 1962-يىلى 10-ئايدا يوپۇغا ناھىيەسى سىيەك يېزىسى بۆلۈمە كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى يوپۇغا ناھىيە مەركىزىدىن 50 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئاخۇنلۇقۇم يېزىسىدا ئوقۇغان. 1979-يىلى ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. 1984-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزۈپ، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىغا تەقسىم قىلىنغان 32 يىلدىن بۇيان، بۇ مەكتەپتە «يېزىقچىلىق بىلىملىرى»، «ئاخبارات يېزىقچىلىقى»، «ئىلمىي ماقالە يېزىقچىلىقى»، «بالىلار ئەدەبىياتى» دەرسلىرى ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.

    بۇلبۇل ئەكرەم 1982-يىلى «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «كېسەل ساقايدى» ناملىق بالىلار ھېكايىسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتىنى باشلىغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بېرى ئۇنىڭ «تارىم غۇنچىلىرى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «قەشقەر ئەدەبىياتى»، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا «ئىككى پارچە خەت»، «ئايسەنەم»، «كۈنلۈكچىنىڭ بىر كۈنى»، «ئاخىرقى پۇشايمان»، «سەھرادىكى مەستانىلىك»، «دوستۇمنىڭ ئايالى»، «قەلبىم ئىزھارى» قاتارلىق 20 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، نەسىرى ئېلان قىلىنغان.

    بۇلبۇل ئەكرەم 90-يىللاردىن باشلاپ زېھنىي كۈچىنى ئىلمىي تەتقىقاتقا قاراتقان. شۇنىڭدىن بېرى ئۇنىڭ «ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرى ۋە ئۇنىڭ بالىلار تەربىيەسىدىكى رولى» (ئاپتونوم رايونلۇق ئىككىنچى قېتىملىق پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن-تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا ئۈچىنچى دەرىجىلىك تەتقىقات نەتىجىسى بولۇپ باھالانغان)، «ئۇيغۇر خەلق بالىلار قوشاقلىرىدىكى ئوبرازچانلىق توغرىسىدا» (قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق پەن-تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن)، «ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ 60 يىلى»، «مۇختەر بۇغرا شېئىرلىرىدىكى بالىلار ئوبرازى»، «‹كىرورانلىق بالىلار› رومانىدىكى ئەڭگۈشتەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ رېئال قىممىتى»، «ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىدا پىروزا ژانىرى»، «ئۇيغۇر بالىلار رومان ئىجادىيىتىنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسى»، «ئۇيغۇر بالىلار چۆچەكلىرىدە تىل پاساھىتى»، «‹تويغا ماڭغان مۈشۈك› نىڭ مەزمۇن قاتلىمى ۋە رېئال قىممىتى»، «‹بۆرە قىز› رومانىنىڭ بايان سەنئىتى» قاتارلىق 50 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى «مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى»، «داڭلىق ئەسەرلەردىن ھۇزۇرلىنىش»، «يازغۇچى»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، «تارىم»، «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان. بۇلاردىن باشقا، ئۇنىڭ يەنە «ئۈلگىلىك ماقالىلەر»، «ساپا مائارىپى بويىچە يېڭىدىن تۈزۈلگەن دەرس تەييارلىقى ــ ئەدەبىيات»، «ئىلمىي ماقالە يېزىقچىلىقى»، «ماقالە يېزىش يېتەكچىسى» (باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن)، «تەقلىدىي سوئال، ئۈلگىلىك ئەسەر» (تولۇق ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئىككى قىسىم)، «نەمۇنە سوئال، ئۈلگىلىك ئەسەر»، «ئىناق ئائىلە»، «ئۇيغۇر بالىلار رومان ئىجادىيىتىدىكى يارقىنلىق» قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. ئالىي مەكتەپلەر ئورتاق دەرسلىكى بولغان «بالىلار ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان»نى ئىشلەشكە قاتناشقان. ئۇ يەنە 2012-يىلى دۆلەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر فوندى تۈرى «ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر بالىلار ئەدەبىياتى تەتقىقاتى» ناملىق دۆلەت دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىسىغا ئېرىشكەن. ئۈچ يىل جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىلىق بۇ تەتقىقات تېمىسىنىڭ نەتىجىسى بولغان «ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر بالىلار ئەدەبىياتى تەتقىقاتى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك كىتابىنى ئۇ 2015-يىل نويابىردا شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىغا تاپشۇرغان.

    بۇلبۇل ئەكرەمنىڭ يەنە بىر ئەھمىيەتلىك ئەمگىكى بار، ئۇ بولسىمۇ ئۇنىڭ ئەجرى ۋە بىۋاسىتە قول تىقىپ ئىشلىشى ئارقىلىق، جۇڭگو بويىچە تۇنجى «ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى تەتقىقات مەركىزى» 2015-يىل 23-ماي قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا رەسمىي قۇرۇلدى ھەم شۇ كۈنى «تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى.

    ئەجىر يەردە قالمايدۇ، تۆھپىكارلار ئەل تەرىپىدىن ئىززەتلىنىدۇ، ھۆرمەتلىنىدۇ، ئۇلۇغلىنىدۇ. 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 23- كۈنى قەشقەر شەھىرىدە بۇلبۇل ئەكرەم ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىغا يۇقىرى باھا بېرىلىپ، ئۇنىڭغا تون كىيگۈزۈلدى. بۇلبۇل ئەكرەم ھازىر جۇڭگو ئەمەلىي يېزىقچىلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو يېزىقچىلىق جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يېزىقچىلىق جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ خەلق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق ئەدەبىيات-سەنئىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپى، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى «ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى تەتقىقات مەركىزى»نىڭ مەسئۇلى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى