ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

بالىلارنى ئەمەلىيەتكە يېقىن تەربىيەلەيلى

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 11 - ئاينىڭ 02- كۈنى 09:24   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    

    

    ھەر قانداق ئاتا – ئانا پەرزەنتلىرى ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە رازى بولغاچقا، ئۇلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدى، تەلىپىمۇ ھەسسىلەپ يۇقىرىلاپ، بالىلىرىنىڭ ئەقىللىق بولۇشى، ئۆگىنىشتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما، بۇنىڭ ئۈچۈن تەربىيەدە ئەقىلنى ئېچىش، قىزىقىشىنى تەشەببۇس قىلىش، قويۇلغان مەسىلىنى جاۋابتىنمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەكلىكى بىلەن ئانچە ھېسابلاشمايدۇ.

    ئاتا – ئانا بالىلارنىڭ ئۈلگىسى. بالىلار چوڭلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى دوراش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەرىكەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بىراق، بالىلار نوقۇل چوڭلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۆرۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بىۋاسىتە قول سېلىپ ئىشلىمىسە، ئۇلارنىڭ ئېسىدە قالىدىغىنى تولىمۇ يۈزەكى نەرسە بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا بالىلارنى كىچىكىدىن مەيلى نېمە قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ لاي قونچاق ياسامدۇ ياكى لاتا – پۇرۇچتىن قونچاق تىكەمدۇ ۋە ياكى تەپكۈچ ياسامدۇ؟ ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەشكە دەۋەت قىلىش لازىم. مۇشۇ ئاساستا بالىلاردا بىر ئىشنى قىلسا يېرىم يولدا توختاپ قالمايدىغان، باش – ئاخىرى يوق ئىشنى قىلمايدىغان خاراكتېرنى يېتىلدۇرگىلى بولىدۇ. ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلارغا ئۇلۇغۋار غايىنى سىڭدۈرۈشى خاتا ئەمەس. ئەمما، غايە ئۇلۇغۋارلىشىپ ئەمەلىيەتتىن يىراقلاشقاندىن كېيىن بەزىدە سەل كاۋاكلىشىپ، بۇلۇتقا ئوخشاش يەيلەپ قالىدۇ. كىچىكىمىزدە ‹‹ئالىم، يازغۇچى بولىمەن›› دېگەننى ساۋاقداشلارنىڭ ئاغزىدىن كۆپ ئاڭلايتتۇق. ئەمەلىيەتتە ئادەتتىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ سانى ئالىملارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى. تېخىمۇ قاملاشمىغىنى ئاتا – ئانىسى نىشانلىغان ئۇلۇغۋار غايىلارنى كۆڭلىگە پۈككەنلەر غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئاخىرىدا بىر لاياقەتلىك ئەمگەكچىمۇ بولالمىدى. تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىختىساسلىقلار بازىرىدا ھەتتا ماگىستىرئاسپىرانتلار، دوكتۇرلار دۆۋىلىنىپ كېتىپ ئالىي دەرىجىلىك تېخنىكلار تېپىلماسلىقتەك ئەھۋال كۆرۈلگەن. ھەتتا بەزى دوكتور ئاشتىلارنىڭ تۇرمۇش بىخەتەرلىك تەجرىبىسى تۆۋەن بولغاچقا، ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە تۆۋەن سەۋىيەدىكى كىشىلەرنىڭ ئالدامچىلىقىغا، قاقتى – سوقتىسىغا ئۇچراپ مال – مۈلكىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈپتۇ. گەرچە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلغان غايە كىچىك بولسىمۇ، ئەمما ئاشۇ كىچىك غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇنچىۋالا ئاسانغا توختىمايدۇ. شۇڭا بالىلارغا ئۇلۇغۋار غايىلارنى نىشان قىلىپ، ئۇلارغا بېسىم قىلساق، ئېھتىمال ئۇلارغا ئەكسىچە تەسىر بېرىپ قۇيۇشىمىز مۇمكىن.

    بىر ئادەم روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ گۈللىكىدە سەيلى قىلىۋېتىپ، پەلسەپەگە ئائىت كىتاب كۆرۈۋاتقان بىر ياشنى ئۇچرىتىپتۇ. قارىماققا ئۇنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشى تولىمۇ نورمال بولۇپ، باشقا ئاغرىقلارغا زادى ئوخشىمايدىكەن.

    ـ بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟ -دەپ سوراپتۇ ھېلىقى ئادەم ئۇنىڭدىن.

    ئۇ بۇ ئادەمنى كۆرۈپ سەل ئىككىلىنىپتۇ ۋە ئۇنىڭ دوختۇر ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۇرگەندىن كېيىن مۇنداق دەپتۇ:

    مېنىڭ دادام داڭلىق ئادۋوكات، ئۇ مېنى ئۆزىگە ئوخشاش ئادەم بولۇپ چىقىسەن، دەيدۇ. چوڭ زەردار تاغام ئۆزىنى ئۈلگە قىلىشىمنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئاپام مېنىڭ ئۆزىنىڭ قەدىرلىك دادىسىدەك شەھەر باشلىقى بولۇپ چىقىشىمنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئاچام دائىم ماڭا ئۆز ئېرىنى ئۇتۇق قازانغان ئەرلەرنىڭ ئۈلگىسى سۈپىتىدە كۆرسىتىدۇ. ئاكام مېنى ئۆزىگە ئوخشاش مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچى بولۇپ چىقىسەن، دەيدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار مەكتەپتىمۇ يۈز بەرگەن. شۇڭا، مەن يەنىلا روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا يېتىشنى قارار قىلدىم، مۇشۇ يەردىلا مەن ھەقىقىي ئۆزۈم بولالايدىكەنمەن.

    مانا مۇشۇ قىسقا ھېكايىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، بالىلارنىڭ ئۆز قابىلىيىتىدىن ئاشۇرۇپ، ھەتتا ئۇلار كۆتۈرەلمەيدىغان ئارزۇ – غايىلارنى ئۇلارغا تېڭىپ قويۇش بىز ئويلاپمۇ باقمىغان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

    ھازىر نۇرغۇن ئائىلىنىڭ بىردىن ياكى ئىككىدىن پەرزەنتى بار. بۇنداق يالغۇز چوڭ بولغان بالىلارنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىچە بولىدۇ. جاھىللىق ھەم شەخسىيەتچىلىك خاراكتېرى ئاسانلا يېتىلىپ قالىدۇ. بالىلار ئىچى تار، ھەسەتخورلۇق ئىللەتلىرىنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىۋالسا بىر ئۆمۈر ئازابتا ئۆتىدۇ. شۇڭا مىننەتدار بولۇشنى ئۆگىتىش، ھېسداشلىق تۇيغۇسىنى قوزغۇتۇپ بىلىم ۋە گۈزەللىككە ئىنتىلىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن يېتەكلەش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا تەبىئىي ھالدا ياخشى خۇلق،ئېسىل مىجەزنى ئۆزىگە سىڭدۈرىدۇ، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولىدۇ. شۇڭا بالىنى نەتىجەڭ ياخشى ئەمەس، سەن ئويۇنغا بېرىلىپ كەتتىڭ دېگەندەك ئەيىبلەۋېرىشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنى ماختاپ، ئىجابىي ئىشلارنى قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش زۆرۈردۇر. چۈنكى ئاتا – ئانىنىڭ تەربىيە قارىشى بالىنى ئەڭ ئاسان ئۆزگەرتەلەيدىغان ۋاسىتىدۇر. ئاتا – ئانا بالىنى ياخشى تۇرمۇش قارىشى تىكلەشكە يېتەكلىشى، بالىنى ئېسىل خاراكتېر تەربىيەسىگە ئىگە قىلىشى، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ھەقىقىي مەنىسى پۇل تېپىپ باي بولۇش ياكى ئەمەلدار بولۇپ چوڭ ھوقۇق تۇتۇش بولماستىن، بەلكى جەمئىيەتكە كېرەكلىك، كەڭ قورساق، مەسئۇلىيەتچان ئادەم بولۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۇرۇش كېرەك .مۇشۇنداق ياخشى ئائىلە تەربىيەسىدە بالىلىرىمىز ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. سەي يۈەنپى ئەپەندى ‹‹بالىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى بەلگىلەيدىغىنى ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى ساغلام خاراكتېر تەربىيەسى›› دېگەن.

    قىسقا سېلىشتۇرما

    بالىسى يەسلىگە بارغان تۇنجى كۈنى ئانىسى ئۇنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ‹‹بۇ يەردە كىچىك دوستلار ۋە ئويۇنچۇقلار بار، مەن سىزنى بالدۇر ئېلىپ كېتىمەن›› دېدى.

    قىزى تەييارلىق سىنىپقا كىرگەندە ئۇنىڭغا ‹‹ياخشى ئوقۇڭ، مۇئەللىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭ، شۇندىلا ياخشى بالا بولالايسىز›› دېدى.

    ‹‹شەنبە كۈنى پىيانىنو ئۆگىنىسىز، يەكشەنبە كۈنى ئۇسسۇل كۇرسىغا قاتنىشىسىز، ئىككى، ئۈچ يىل تىرىشىپ مەشىق قىلسىڭىز، سىزمۇ ئاتاقلىق كىچىك چولپانلاردىن بولالايسىز›› دېدى بالىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ كورستىن قايتىپ كېلىۋاتقان ئانا.

    بالىسى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1 – يىللىقىغا كىرگەندە، ھەر كۈنى مەكتەپكە ئاپىرىپ – ئەكەلگۈچە ئۇنىڭغا ‹‹ئەڭ مۇھىم ئىش تىرىشىپ ياخشى ئوقۇش، ياخشى ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۇرۇش››دەپ قۇلىقىغا سىڭدۈرۈۋەتتى.

    بالىسى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا، ئۇنىڭغا ‹‹شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەككى، كىتاب ئوقۇغاندا ئۈجۈر – بۈجۈرلىرىگىچە ئوقۇشىڭىز كېرەك. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بىلىم تاماق يېگەنگە ئوخشايدۇ، تاماقتىن بىر چىشلەمنىمۇ تاشلىۋېتىشكە بولمايدۇ››دېدى.

    بالىسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا، ئۇنىڭغا ‹‹چوقۇم سەزگۈر بولۇڭ، يېڭى ئۇقۇملارنى تېز قوبۇل قىلىڭ، ئۆگىنىش ئۇسۇلىڭىزغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ››دېدى.

    بالىسى ئالىي مەكتەپكە كىرگەندە، ئۇنىڭغا: ‹‹ئۆزىڭىزنى كۈتۈشنى ئۆگىنىۋېلىڭ،نېمە كېرەك بولسا تېزدىن تېلېفون قىلىۋېتىڭ، پۇلدىن قىسىلىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلماڭ.كەسپىڭىزگە ئالاقىدار ھەرقانداق ماتېرىيال كېرەك بولسا، پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي سېتىۋېلىڭ، تولۇقلاش كۇرسلىرىغا ئىمكان بار قاتنىشىڭ›› دېدى.

    مانا بۇ بىزدىكى ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلىرىمىز ئۆسمۈرلىكتىن تاكى جەمئىيەتكە چىققىچە دەيدىغان سۆزى.

    بىراق، يەنە بىر قىتئەدە 100نەچچە يىللار ئىلگىرى ياشىغان بىر ئائىلە باشلىقى بالىسى ئەقلىگە كەلگەندىن تارتىپ چوڭ بولغانغا قەدەر مۇنداق تەربىيە بەردى:

    ‹‹چىداملىق بول، چىداملىقلىقىڭ ئاجىزلىقىڭنى تونۇپ يېتىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتسۇن، غەيرەتلىك بول، ئىشلاردا كەينىگە يانمايدىغان بول. ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا قەددىڭنى تىك تۇتقىنكى، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا باش ئەگمە. مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەندە كەمتەر بولغىنكى، ھەرگىز ھاكاۋۇرلۇق قىلما››. بۇ ئائىلە باشلىقى دەل لىنكولىننىڭ ئۆگەي ئاپىسى. بۇ ئانا بولسا بالىسىنىڭ قەلبىنى تاۋلىدى. چۈنكى غەربلىكلەر بالا تەربىيەلەش جەريانىدا بالىلىرىم مېنىڭ دېگەن يېرىمدىن چىقسا بولدى، دەپ قارىماستىن، بالىنىڭ روھىي تەلىپى ۋە بالىنىڭ كىشىلىك قەدىر – قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىشنى مۇھىم، دەپ قارايدۇ. ئۇلار بالىنىڭ ئائىلىدىكى تەربىيەلىنىشىگە بەكمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ، تۇرمۇشتىن تارتىپ ئۆگىنىشكىچە قاتتىق تەلەپ قويىدۇ. ئەمما بالىسىغا ئۆز ئۈمىدى، ئارزۇسىنى زورلاپ تاڭمايدۇ. بىز بولساق، بالىلىرىمىزنىڭ قانداق مەكتەپتە ئوقۇشىغا، قانداق خىزمەتنى قىلىشىغىچە كۆڭۈل بۆلىمىز، ئۇلار بالىسىنىڭ نېمە ئىش قىلىشقا ماس كېلىدىغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ.شۇڭا بىز باشقىلارنىڭ بالا تەربىيەلەشتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆزىمىزگە ئۆرنەك قىلىپ، بالىلىرىمىزنى ئەمەلىيەتكە يېقىن تەربىيەلەيلى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى