ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىدىكى تۆت مۇھىم نۇقتا

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 11 - ئاينىڭ 02- كۈنى 09:22   |    ئاپتور : لى كۇڭۋېن  |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ۋەتەنپەرۋەرلىك جۇڭخۇا مىللىتى روھىنىڭ يادروسى. ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇشتا، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى مەڭگۈلۈك ئاساسىي تېما قىلىش؛ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇشتا، ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن سوتسىيالىزمنىڭ بىردەكلىكىدە چىڭ تۇرۇش؛ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇشتا، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش؛ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇشتا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇلارغا ۋارىسلىق قىلىش؛ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇشتا، مەۋقەنى مىللەتكە قويۇپ، دۇنياغا يۈزلىنىش كېرەكلىكىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش زۆرۈر.

    ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي مائارىپ مىنىستىرلىقى ‹‹ج ك پ مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى چوڭقۇر ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى›› نى ئېلان قىلدى. ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەر مىللىي مائارىپنىڭ ئاساسىي باسقۇچى، ئۇنىڭغا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى سىڭدۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە قويۇلغان ئاساسىي تەلەپ. ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك ۋە ئەمگەك قاتارلىق تەرەپلەردە ئەتراپلىق يېتىشكەن ئىزباسارلارنى تەربىيەلەشكە پۇختا ئاساس سالىدۇ. ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە ئىدىيە ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىدىكى تۆت مۇھىم نۇقتىنى بېكىتكەندە، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى توغرىسىدىكى سىياسەت ۋە بەلگىلىمىلەرنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ.

    ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ گۈزەل ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈش

    ۋەتەننىڭ گۈزەل تاغ – دەريالىرىنى قىزغىن سۆيۈشتە، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەبىئەت بىلەن يېقىنلىشىش خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈش مەقسەت قىلىنىدۇ. تەبىئەت بىزنى ماددىي شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ، بەش خىل دانلىق زىرائەت، قېزىلما بايلىقلار، ئەتىۋارلىق قۇشلار ۋە ئاجايىپ ھايۋانلار ۋەتەننىڭ قىياپىتى بىلەن يېقىملىق تۇيۇلىدۇ. يۇرت ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۆشۈكى، تۈرلۈك بىلىم ۋە ساۋاتلار ئۇلارنىڭ خاتىرىسىدە قېلىپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشىغا ئاساس بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارغا تەبىئىي پەن، جۇغراپىيە ۋە بىيولوگىيە قاتارلىق دەرسلىكلەرنى ئۆگىتىپ، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

    ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋەتەننىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈش

    جۇڭخۇا مىللىتى ئۇزاق، پارلاق تارىخىي ئەنئەنىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى رەڭگارەڭلىككە ئىگە بولۇشى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنى پەخىرلەندۈردى، دۇنيادىكى باشقا مەدەنىيلىككە ئوخشاش كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالدى. دۆلەت كۈچىنىڭ ئېشىشى ۋە پەن – تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ۋارىسلىق قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى، ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيلىك تارىخىنىڭ مەزمۇنىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشى جۇڭگونى دۇنياغا تونۇتتى. ۋەتەننىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشنىڭ ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ توغرا تارىخىي قاراش ۋە مەدەنىيەت قارىشىنى تىكلىشىگە پايدىلىق. ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئەسلىگەندە، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلغىلى بولىدۇ؛ تارىخنى ئۆگىنىش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ گۈللىنىش ۋە زاۋال تېپىشىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ؛ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا نەزەر سالغاندا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

    ۋەتەننىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى قىزغىن سۆيۈشنى تەكىتلەشتىكى مەقسەت ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جەمئىيەتكە يېقىنلىشىش خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرىنى تاۋلاپ، ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى پەرق ئېتىش ئۈچۈن، تارىخ، جەمئىيەتشۇناسلىق، تىل – ئەدەبىيات، سىياسىي ۋە ئەخلاق – پەزىلەت قاتارلىق جەھەتلەردە تەربىيەلىنىشكە توغرا كېلىدۇ. تارىخىي مەدەنىيەتكە قارىتا مېغىزىنى تاللاپ شاكىلىنى تاشلىۋېتىش پوزىتسىيەسىدە بولۇپ، قەھرىمانلارنى ئۈلگە قىلىپ، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ توغرا كەيپىياتىنى يېتىلدۈرۈش؛ يامان ئاتاقتىكى شەخسلەردىن ئىبرەت ئېلىپ، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن ياخشى تەلىم ئالغاندىن كېيىن، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈپ، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، ياخشى نەتىجە قازىنالايدۇ.

    ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر مىللەت خەلققە بولغان قېرىنداشلار ئارا كۆيۈمچانلىقىنى يېتىلدۈرۈش

    56 مىللەتنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ بىر نىيەتتە بولۇشى مەڭگۈ بىزنىڭ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ غەلىبە قازىنىشىمىزدىكى ئەڭگۈشتەر، ئۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەسىرلەندۈرۈش كۈچى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئاغدۇرمىچىلىق نىيىتىدىكى ھەر خىل دۈشمەنلەرنىڭ پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ.

    ھەر مىللەت خەلقنى قىزغىن سۆيۈشنى تەكىتلەشتىكى مەقسەت ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قېرىنداشلىق پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر. ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر – بىرىگە بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ مۇھىم ۋەقە ۋە ھالقىلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، مىللىي مەنپەئەتىنى پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللىتى مەنپەئىتىنىڭ ئومۇمىيلىقىغا قويۇپ، ئەقلىي ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشى كېرەك.

    ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشكە بولغان قىزغىنلىقىنى قوزغاش

    جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ يول نۇرغۇن جاپا – مۇشەققەتكە تولغان يول. ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى شەرەپلىك ئارزۇسى بىلەن، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى كۈچەيتكەندىلا، ئۆگىنىشتىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەتلىك ۋە ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ يېتىلىدۇ.

    ۋەتەننى سۆيۈش جۇڭخۇا مىللىتى روھىنىڭ ماھىيىتى. ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش قېرىنداشلىق مېھرى، يۇرتقا بولغان چىن مۇھەببەت ۋە مىللەتلەرگە بولغان مۇھەببەت بىلەن يۇغۇرۇلغان بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز گۈللىنىشى ۋە بىر گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشۇشىدىكى مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋەتەننى سۆيۈش توغرىسىدا تەربىيە بەرگەندە، ئۆگىنىش ۋە ئەمگەكنى سۆيۈشنى مۇھىم تىرەك قىلىپ، كونكرېت ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇلاردا ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

    ‹‹جۇڭگو مائارىپ گېزىتى››دىن

 

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى