ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

ياخشى مائارىپ ساقلاپ تۇرۇش بىلەن ۋۇجۇدقا كەلمەيدۇ

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 11 - ئاينىڭ 02- كۈنى 09:11   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 4 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مائارىپ ئىسلاھاتى، يېڭىلىق يارىتىشتىكى تىپىك مىساللارنى تاللاپ كۆرسىتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتىدە، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ جېي مۇنداق دېدى: ئەگەر تەتقىقات تىپىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىسپاتلىيالمىسا ھەم جەمئىيەتنىڭ ھۆرمەت قىلىشىغا ئېرىشەلمىسە، مۇقەررەر ھالدا يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەت مەركىزىدىن تېخىمۇ يىراقلىشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭچە بولغاندا، ھازىر ئالىي مائارىپ ساتقۇچىلار بازىرىدىن سېتىۋالغۇچىلار بازىرىغا ئۆزگىرىۋاتىدۇ، قىسقا ۋاقىتتا مۇنداق بىر ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىمىز: ئۇنىۋېرسىتېتلار ئوقۇغۇچىلارنى ئەمەس، ئوقۇغۇچىلار ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلارنى تاللايدۇ. بۇنىڭدا گەپ ئېنىق بولدى. ئالىي مەكتەپلەردە پەن تەتقىقات، يېڭىلىق يارىتىش ۋەكىللىكىدىكى ئالىي مائارىپ ساھەسىنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىش تەخىرسىز بولۇپ قالدى. بۇ ھەرگىز ۋەھىمىلىك سۆزلەر بىلەن قورقۇتقانلىق ئەمەس.

    يېقىندا دۆلەت ئىچى ۋە چەت ئەلنىڭ بىر نەچچە تاراتقۇسىدا ئېلان قىلىنغان ‹‹جۇڭگودا بەزى ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن قاچۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكىدىكى مەھەللە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا بېرىۋاتىدۇ›› دېگەن خەۋەر، دۆلىتىمىز ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ‹‹بىر قېتىملىق ئىمتىھان ئۆمۈرلۈك ئىستىقبالنى بەلگىلەش››تەك نۇقسانلار ۋە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش سەۋەبىدىن ئىختىساسلىقلارنىڭ يوقاپ كېتىش ئەھۋالى مائارىپ ساھەسىدىكى زاتلارنى ئەندىشىگە سالدى. ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش قىزغىنلىقىنىڭ پەيدا بولۇشى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان تېز تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىلىرىنىڭ بىرى. نۇرغۇن ئائىلىلەردە پەرزەنتلىرىنى چەت ئەلگە چىقىرىپ ئوقۇتۇش ئىقتىسادىي ئاساسى ھازىرلانغاندا، ئاتا – ئانا ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ خەلقئارالىق نەزەر دائىرىسى ئېچىلغاندا، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇدا كۆپىيىشى كىشىلەرگە تاسادىپىيلىق تۇيغۇ بەرمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئوقۇغۇچىلاردىمۇ مائارىپ تەمىناتىنى تاللاش ھوقۇقى بولىدۇ. لېكىن دۆلىتىمىز مائارىپى، بولۇپمۇ ئالىي مائارىپ ساھەسىدىكلەر بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالسا، تېخىمۇ كۆپ بازارنى قولدىن بېرىپ قويۇشى مۇمكىن. كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغىنى شۇكى، دۆلىتىمىز مائارىپ ساھەسىدە كىرىزىس تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى پەيدا بولدى. ‹‹ئالىي مائارىپ ساتقۇچىلار بازىرىدىن ئالغۇچىلار بازىرىغا ئۆزگىرىۋاتىدۇ›› دېگەندە ئەندىشە قىلغان سۆزلەر مائارىپ ساھەسىدىكى نۇرغۇن كەسىپداشنى سەگىتىپ قويدى، ئۇلار تېخىمۇ ئويغاندى.

    ئالىي مائارىپ ساھەسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتقىلا ئەمەس، ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان قانۇن ئىدارە قىلىش تەربىيەسى ۋە قىممەت قارىشى تەربىيەسىگىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. مەسىلەن: يېقىندا جېجياڭ ئۆلكىسى ۋېنجۇ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ نازارەتچىلىكىدە بېجىرىلگەن بىر پەۋقۇلئاددە زور توردا زەھەر سېتىش دېلوسىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. ساقچىلار تەھقىقلەش جەريانىدا نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ زەھەر سېتىۋېلىپ ئىستېمال قىلغانلىقىنى، ئۇلار مەملىكىتىمىزدىكى نەچچە ئون ئالىي مەكتەپكە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن سىرت يەنە قىسمەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغان. كىشىلەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىكى ياراملىق كىشىلەر دەپ قارىسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزىلەر بۇزۇلۇپ زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغان. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن باشقا مەسىلىلەر ۋە ناچار قىلمىشلارغا سېلىشتۇرغاندا، زەھەرگە چېتىلىپ قېلىش كىشىگە يۈرەككە بىگىز سانجىغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. زەھەرنىڭ زىيىنىغا ئېغىر ئۇچرىغان مىللىتىمىزگە نىسبەتەن، زەھەرگە چېتىلىپ قېلىش قانۇنغا خىلاپلىق قىلغاندەك ئاددىي ئىش ئەمەس، بەلكى ئۇلار ھاياتى، ساغلاملىقىغا مەسئۇل بولمىغان، روھىي جەھەتتىن چۈشكۈنلەشكەن، تارىخىي ساۋاقلارنى ئۇنتۇپ قالغان. بۇلاردىن ئالىي ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بولغان ھايات تەربىيەسى ۋە قىممەت قارىشى تەربىيەسىنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

    قائىدە – يوسۇننى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، ھەممە ئادەمدە ھېسسىيات بار. ھەممىمىزنىڭ ئىچى تىت – تىت بولىدۇ، لېكىن مەبلەغ، توك، بىخەتەرلىك قاتارلىق ئەمەلىي توسالغۇلار خۇددى يامان يولۋاسقا ئوخشاش كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولماقتا. جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرى يېقىنقى يىللاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە مۇمكىنچىلىك لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويالمىدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن پەقەت قايتا – قايتا شۇنى مۇراجىئەت قىلىمىز: نەتىجىسىز مۇھاكىمە قىلىپ ئولتۇرماڭلار، سۆرەلمىلىك قىلماڭلار، ۋاقىت بەك قىممەتلىك، بالىلارنىڭ ساغلاملىقى مەسىلىسىدە ساقلاپ تۇرغىلى بولمايدۇ، چۈنكى ياخشى مائارىپ ساقلاپ تۇرۇش بىلەن ۋۇجۇدقا كەلمەيدۇ.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى