ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

كەلگۈسىدە مائارىپنىڭ خۇسۇسىيىتى ئۆزگىرىپ كېتەمدۇ؟

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 10 - ئاينىڭ 31- كۈنى 04:29   |    ئاپتور : گۇ مىڭيۈەن  |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    

    مائارىپ كەلگۈسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىش، ئۇ كەلگۈسى جەمئىيەت ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەپ بېرىدۇ. لېكىن، ھازىر جەمئىيەت تېز ئۆزگىرىۋاتىدۇ، بىز ئالاقە تورى دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز، ئۇنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تېخىمۇ تەس. بۇنىڭدىن ئون يىل ئىلگىرى بىر يان تېلېفون بىلەن نۇرغۇن ئىشنى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى كىممۇ ئويلىغان؟ ھازىر ئالاقە تورىدا ياشاۋاتقان ياشلار بىلەن ئۆسمۈرلەرنىڭ ئون يىلدىن كېيىن قانداق ياشايدىغانلىقىغا، قانداق خىزمەت قىلىدىغانلىقىغا كىم جاۋاب بېرەلەيدۇ؟

    جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى، بولۇپمۇ پەن – تېخنىكىنىڭ يېڭىلىنىشى مائارىپنىڭ ئېكولوگىيەسىنى، مائارىپ قارىشىنى ۋە ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ.

    بىرىنچى، بىلىم ئېلىش يوللىرى كېڭەيدى. ئىلگىرى ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن مەكتەپتە بىلىم ئالاتتى، ھازىر تور ۋە مەۋھۇم دۇنيادا بىلىم ئالالايدىغان بولدى. بىلىم ئېلىش مەكتەپ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى، ھەر جايدا ھەر ۋاقىت بىلىم ئېلىشقا بولىدىغان بولدى.

    ئىككىنچى، مائارىپ نىشانى ئۆزگەردى. ئىلگىرىكى مائارىپتا كىتابىي بىلىملا ئۆگىتىلەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە جەريانغا ئەمەس، نەتىجىگىلا ئەھمىيەت بېرىلەتتى. ھازىر يېڭىلىق يارىتىش دەۋرى. پەن – تېخنىكا كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتىدۇ، ئوقۇغۇچىلاردا تەنقىدىي ۋە ئىجادىي تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگەندىلا، ئاندىن دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماسلاشقىلى بولىدۇ.

    ئۈچىنچى، دەرسلىكنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىش كېرەك. دەرسلىككە يېڭى بىلىملەرنى قوشۇپلا قالماي، يەنە دەرسلىكنى بىرىكتۈرۈش كېرەك. كىشىلەر شەيئىلەرنى كۆپ نۇقتىدىن كۆزىتىدۇ، يېڭى ئىلمىي بايقاش ۋە تېخنىكا كەشپىياتى ھەمىشە گىرەلەشمە پەنلەردە بارلىققا كېلىدۇ. ئىلگىرى دەرسلەر پەنلەرگە ئايرىلغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال تەپەككۇرىنى يېتەرلىك ئاچالمايتتى. شۇڭا كەلگۈسىدىكى دەرسلەردە پەنلەرنىڭ مەزمۇنىنى بىرىكتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.

    تۆتىنچى، ئۆگىنىش ئۇسۇلىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئالاقە تورى ئارقىلىق ھەر خىل بىلىمگە ئېرىشەلەيدۇ.

    بەشىنچى، ئالاقە تورى خاسلاشقان ئۆگىنىش ۋە ئايرىم ئۆگىنىشكە شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. ئوقۇتۇشتا ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلانغاندا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشى ۋە ھەۋىسىگە ئاساسەن، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ئايرىم ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈپ بېرەلەيدۇ. بۇ ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ تاللاش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئۆز رولىنى ئەنئەنىۋى مائارىپتىكى بىلىم بەرگۈچىدىن مائارىپنىڭ لايىھەلىگۈچىسى، يېتەكلىگۈچىسى ۋە ياردەم بەرگۈچىسىگە ئۆزگەرتىشى كېرەك.

    لېكىن، ھەر قانداق ئۆزگىرىش بولسىمۇ، مائارىپنىڭ تۈپ ماھىيىتى، يەنى مائارىپنىڭ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، بىلىمنى يېڭىلاش ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ماھىيىتى ئۆزگەرمەيدۇ. ھەممە كىشىنىڭ بىلىم ئېلىش ھوقۇقى بار، مائارىپ جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسى، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ جامائەت پاراۋانلىقى ئىشى. مائارىپتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەسى، ئېتىقادى ۋە ئەخلاق – پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈشنى مەڭگۈ بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئۇلارنى ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك قىلىپ تەربىيەلەش كېرەك.

    ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن ئالاقە تورى مائارىپ مۇھىتى ۋە مېتودىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. لېكىن، ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن ئالاقە تورى ۋاسىتە ئەمەس، نىشانمۇ ئەمەس. ئوقۇتقۇچىنىڭ مائارىپ قارىشى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئۆزگەرسىمۇ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتى ئۆزگەرمەيدۇ. ئوقۇتقۇچى ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن ئالاقە تورىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھەر خىل مائارىپ بايلىقلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئىلگىرىلىشى؛ ئۇچۇر تېخنىكىسىغا قارىغۇلارچە چوقۇنماي، ئۇنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلانغىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. ئادەمنى ئادەم تەربىيەلەيدۇ، ھەرقانچە ئىلغار ماشىنىمۇ ئادەمنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ پائالىيەتلىرى ھېسسىيات ۋە ئىنسانىي روھنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشى كەم بولسا بولمايدىغان مائارىپ كۈچى ھېسابلىنىدۇ.

    ئوقۇتقۇچى ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ، مائارىپنىڭ ماھىيىتى ۋە پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى تولۇق تونۇپ يېتىپ، كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەندىلا، ئاندىن دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىپ، كەلگۈسىدىكى ئىختىساسلىقلارنى ياخشى تەربىيەلىيەلەيدۇ.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى