ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

يېزا بالىلىرىنىڭ تەربىيەلىنىش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 10 - ئاينىڭ 31- كۈنى 04:27   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    

    مىجىت ئىبراھىم خەۋەر قىلىدۇ: پىچان ناھىيەسى 2012 – يىلىدىن بۇيان خەلق رازى بولغان مائارىپ بەرپا قىلىشنى ئاساسىي نىشان قىلىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا بالىلىرىنىڭ تەربىيەلىنىش شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاپ، ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

    مائارىپ تارماقلىرى سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ جايلىشىشىنى تەڭشەپ، مائارىپ بايلىقلىرىنى بىرلەشتۈرۈشنى تېزلەتتى. 98 مىليون 236 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجىرىتىپ، 37 مەكتەپتىكى 67 مىڭ 561 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى 79 بىنانى يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ ئۆزگەرتتى. 36 مىليون 352 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجىرىتىپ، مەكتەپلەرگە تەجرىبە ئۆسكۈنىلىرى، كىتاب – ماتېرىيال ۋە تەنتەربىيە، گۈزەل – سەنئەت ئەسلىھەلىرىنى سەپلەپ، ئوقۇتۇش سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈردى. كۆپ ۋاسىتىلىك ئوقۇتۇش سىنىپى، يىراقتىن تەربىيەلەش پونكىتى، بىۋاسىتە ئاڭلىتىش سىنىپلىرىنى قۇرۇش بىلەن بىللە، 56 مەكتەپتە كومپيۇتېرنى ئاساس قىلغان ئۇچۇر تېخنىكا دەرسى تەسىس قىلدى. ھازىر ناھىيە بويىچە 251 ‹‹قوش تىل›› سىنىپى تەسىس قىلىنىپ، ئوقۇغۇچىسى 5623كە يەتتى. دېھقان – چارۋىچىلار مەدەنىيەت تېخنىكا مەكتەپلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، 211 قارار كۇرس ئېچىپ، 23 مىڭ 244 ئادەمنى تەربىيەلەپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى