ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

بۇ يىل ئىۋىرغول رايونى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇمشاق، قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلىدى

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 10 - ئاينىڭ 20- كۈنى 04:56   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يۈسۈپ ئىسمايىل خەۋەر قىلىدۇ:

    بۇ يىل ئىۋىرغول رايونى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇمشاق، قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلىدى. شەھەر- يېزا مەكتەپلىرىنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنى تېخىمۇ ئادىل ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەربىيەلىنىشتىن بەھىرلەندۈردى.

    بۇ يىل ئىۋىرغول رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسى يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى شارائىتى ناچار بولغان مەكتەپلەرگە قارىتا، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرىدىن 28 نى يولغا قويدى. تۈر قۇرۇلۇشى ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسى، ئاشخانا، ياتاق سېلىش، مەيدان، يول يۈزىنى قاتتىقلاشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلىشى ئىۋىرغول رايونىدىكى يېزا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ يىراق، تاماق يېيىش تەس بولۇشتەك قىيىنچىلىقلار بىلەن خوشلىشىپ، تۈرلۈك قولاي شارائىتلاردىن بەھىرلەندى.

    بۇ يىل 8- ئايدا ئىۋىرغول رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسى 178 نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىپ، ئوخشىمىغان مەكتەپلەردىكى ئىش ئورۇنلىرىغا تەقسىملەپ، ئىۋىرغول رايونىنىڭ مائارىپى ئۈچۈن يېڭى كۈچ قوشتى. بۇ ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تېز سۈرئەتتە خىزمەت ھالىتىگە كىرىشى ئۈچۈن، ئىۋىرغول رايونى بىر قىسىم پېنسىيەگە چىققان مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، ياش ئوقۇتقۇچىلارغا «ياردەم بېرىش ۋە يېتەكلەش» خىزمىتى ئىشلەپ، پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپ يىللىق خىزمەت جەريانىدا ھېس قىلغانلىرى ۋە ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىنى ئۇلارغا يەتكۈزدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىۋىرغول رايونى مائارىپقا 38 مىليون 729 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى، كومپيۇتېر قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋالدى، سىمسىز تورنى سىنىپلارغىچە ئۇلىدى. 10 مىليون 52 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 465 مىڭ پارچە كىتاب سېتىۋالدى. 1 مىليون 870 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئېلېكتىرونلۇق كۈتۈپخانىغا خەنزۇ تىلى، ئۇيغۇر تىلى ۋە قازاق تىلىدا 900 مىڭ پارچە ئېلېكتىرونلۇق كىتاب كىرگۈزدى. دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى 29 مەكتەپكە ئاشخانا ئەسلىھەلىرىنى ئورناتتى. ھۆكۈمەتنىڭ سېتىۋېلىشى، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ تەقدىم قىلىشى بىلەن مەكتەپلەرگە ئوقۇلبۇستىن 30 دىن ئارتۇقنى تولۇقلاپ سەپلىدى. ھۆكۈمەت ھەر يىلى ئوقۇلبۇسلارنى يۈرۈشتۈرۈش ۋە رېمونت قىلىش ئۈچۈن 3 مىليون 500 مىڭ يۈەن چىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلدى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى