ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2017 ـ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش ۋە سالاھىيەت تەكشۈرۈش خىزمىتى 11- ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن بۇرۇن ئاياغلىشىدىكەن

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 10 - ئاينىڭ 20- كۈنى 04:55   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى

    ئۆز مۇخبىرىمىز نازاكەت دىلشات خەۋەر قىلىدۇ:

    ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2017 ـ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش ۋە سالاھىيەت تەكشۈرۈش خىزمىتى 11- ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن بۇرۇن ئاياغلىشىدىكەن. جايلاردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىلىرى تىزىملاشنى باشلاش ۋاقتىنى بېكىتىپ، جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدىكەن.

    بەلگىلىمىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلار ۋە قايتا ئوقۇغانلار، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈش ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىلار، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە ئوقۇش تەۋەلىكىدىن ھالقىپ ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىمغا ئالدۇرۇش شەرتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم ئىمتىھانغا تىزىملىتىشقا شەرتى توشمايدىغان يەتتە خىل ئوقۇغۇچى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بەلگىلىمىدە يەنە: جايلاردىن ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نوپۇس تەۋەلىكى ۋە ئوقۇش تەۋەلىكىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇش تەۋەلىكى يوق بولۇش، نوپۇسنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشتەك قىلمىشلارنى قەتئىي توسۇش؛ تەۋەلىكنى ساختا مەلۇم قىلىش ۋە ئوقۇش تەۋەلىكى يوق بولۇشتەك قىلمىشلارنىڭ سادىر بولۇشىنى قاتتىق چەكلەش تەلەپ قىلىندى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى