ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

چەرچەندىكى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار «ئالتۇن كۈز ئوقۇش ياردىمى»گە ئېرىشتى

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 10 - ئاينىڭ 10- كۈنى 09:27   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مەڭلىك ئىمىن خەۋىرى: چەرچەن ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى يېقىندا ناھىيە تەۋەسىدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەر پەرزەنتلىرىدىن بۇ يىل ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرسىغا قوبۇل قىلىنغان يەتتە نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىگە 5000 يۈەندىن، مەخسۇس كۇرسقا قوبۇل قىلىنغان بىر ئوقۇغۇچىغا 3000 يۈەندىن جەمئىي 38 مىڭ يۈەن «ئالتۇن كۈز ئوقۇش ياردەم پۇلى» تارقىتىپ بەردى.

    ئىگىلىشىمچە، ھازىرغىچە چەرچەن ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان تاڭشەن شەھىرى، ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئورۇنلار ناھىيە تەۋەسىدىن بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا جەمئىي 161 مىڭ يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقاتقان. بۇنىڭدىن 137 نەپەر ئوقۇغۇچى مەنپەئەتلەنگەن.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى