ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

يەسلى مائارىپى مائارىپنىڭ ئاساسى

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 09 - ئاينىڭ 23- كۈنى 04:40   |    ئاپتور :

مۇنەۋۋەر مۇھەممەت (ئۈرۈمچى شەھەرلىك خۇيمىن ‹‹قوش تىل›› يەسلىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى)

  |   مەنبە :

        ئىلاۋە: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا ياراملىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ، ئىختىساسلىق ياشلارنىڭ كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىۋاتقانلىقى ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرى بولغان ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ رىقابىتى كۈندىن – كۈنگە كەسكىنلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئىقتىدارلىق ھەم ئەخلاقلىق قىلىپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

    جەمئىيەت ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان، ئوقۇتۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىقلار كۆپىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئوقۇتقۇچىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتىدۇ. بىز بۈگۈن 32 – قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشتەك مۈشكۈل ھەم شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئادا قىلىش يولىدا داۋاملىق ئىزدىنىۋاتقان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار بىلەن مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەۋلاد تەربىيەلەش، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ ئۇلۇغلۇقى، بۈگۈنكى دەۋردە ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر توغرىسىدا ئېيتقان يۈرەك سۆزلىرىنى خاتىرىلەپ چىقتۇق. بۇ يازمىمىزدىكى بايانلار ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشۇشقا بەل باغلىغان تېخىمۇ كۆپ ئوقۇتقۇچىلارغا ئىلھام بولغۇسى.

    

    يەسلى مائارىپى مائارىپنىڭ ئاساسى، بالىلار تەربىيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم باسقۇچى. ھازىر دەۋرنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، جەمئىيەتنىڭ ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىغا بولغان تەلىپىمۇ داۋاملىق كۈچىيىۋاتىدۇ. بۇرۇن يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى ئوتتۇرا تېخنىكوم بىلەن چەكلىنىپ قالغان بولسا، ھازىر بۇ ساھەدە ئىشلەۋاتقانلار ئىچىدە ئاسپىرانت، ھەتتا دوكتورلارمۇ بار. دۆلەتنىڭ بالىلار مائارىپىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى نەتىجىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن، ياراملىق يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ.

    بۈگۈنكى دەۋر تەلەپ قىلىۋاتقان يەسلى مائارىپى ئۇنىۋېرسال ساپاغا، ھەر قايسى كەسىپلەردىن مۇئەييەن چۈشەنچىگە ئىگە ياراملىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا موھتاج.

    يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىنى، ئۆز كەسپىنى ھۆرمەتلىشى كېرەك. يەسلىدىكى بالىلار ئۈچ ياشتىن – ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلار بولغاچقا، ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ قەلب دۇنياسىغا كىرەلىشى، بالىلارچە تەپەككۇر قىلالىشى، بالىلار بىلەن تەڭ ئويناپ ئۇلارنى خۇشال قىلالىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا بۇنداق ئوقۇتقۇچى بالىلارنى ھەقىقىي ياخشى كۆرەلەيدۇ ھەم ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلەيدۇ.

    ئوقۇتقۇچىلاردا كەسىپنى سۆيۈش روھى بولۇش كېرەك. يەسلى خىزمىتى ئىنتايىن ئىنچىكە، زىل، جاپالىق خىزمەت. شۇڭا يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئىنتايىن سەۋرچان بولۇشى، يەسلى خىزمىتىگە بولغان تونۇشى ئېنىق، تەييارلىقى پۇختا بولۇشى ھەم ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى مۇستەھكەم بولۇشى كېرەك. بەزى ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى ناھايىتى ياراملىق تەربىيەلەش مەقسىتىدە، يەسلىدە بالىلارغا كۆپرەك نەرسە ئۆگىتىشنى ئوقۇتقۇچىدىن تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ، بۇنداق ۋاقىتلاردا ئوقۇتقۇچىلار بۇ ئاتا – ئانىلارغا يەسلى مائارىپىنىڭ خاراكتېرىنى توغرا چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

    يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىگە ئىشىنىشى، ئۆزىگە ئىشىنىش روھىنى بالىلارغا ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ياخشى ئۈلگە تىكلىشى كېرەك. ئۇلار ئۆزىنىڭ خىزمەت خاراكتېرىنى تولۇق چۈشىنىپ، غەيرىي زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىۋالماسلىقى، ئاددىي – ساددا، تىرىشچان، خىزمەتتە ئەستايىدىل بولۇشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئوقۇتقۇچى باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولالايدۇ.

    يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى بالىلارنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ كىچىكىدىن ياخشى مىجەز – خاراكتېر، ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشىگە ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىشى لازىم.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى