ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

مائارىپ ئادىللىقى ھەرگىزمۇ تەڭ تەقسىماتچىلىق ئەمەس

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 09 - ئاينىڭ 01- كۈنى 04:44   |    ئاپتور : گۇ مىڭيۈەن  |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    مائارىپ ئادىللىقى ئىجتىمائىي ئادىللىقنىڭ ئاساسى، شۇڭا مائارىپ ئادىللىقى جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە دىققىتىنى تارتىپ كەلدى. مائارىپ ئادىللىقى ئاساسلىقى ھەر بىر پۇقرانى باراۋەر ئۆگىنىش، تەرەققىي قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلىدۇ، بۇ، مەكتەپكە كىرىش پۇرسىتىدىكى ئادىللىق، ھەققانىيەت، نىسبەتەن تەڭپۇڭ بولغان مائارىپ بايلىقىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھەر بىر ئۆگەنگۈچى ئۆزلىرىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەلگۈسىدە كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ.

    ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ گۈللىنىش دەۋرىدىكى مەرىپەتچىلەر ئىلاھىي ھوقۇققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ئىنسانىي ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىنسان تۇغۇلغاندىلا باراۋەر تۇغۇلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى ئىنساننىڭ ھوقۇق جەھەتتىكى باراۋەرلىكىدۇر. ئىنساننىڭ ھوقۇقى باراۋەر بولىدۇ، بۇ، ھەر قانداق بىر زامانىۋى، مەدەنىيەتلىك دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئېنىق يېزىلغان. ئەمەلىيەتتە ئىنسانلار ئوخشىمىغان دەۋر، ئوخشىمىغان ماكاندا تۇغۇلغاچقا، باراۋەر بولمايدۇ. بەزىلىرى تەرەققىي قىلغان شەھەرلەردە تۇغۇلىدۇ ۋە ياشايدۇ، بەزىلىرى بولسا چەت يېزىلاردا تۇغۇلىدۇ ۋە ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتى باراۋەر بولمايدۇ. تۇرمۇش مۇھىتىدىكى پەرق ۋە ئىجتىمائىي ئادالەتسىزلىك ياشاش شارائىتى ۋە تەرەققىي قىلىش شارائىتىدىكى ئادالەتسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئۇزاق مۇددەت ئادىللىققا ئېرىشەلمىگەن ئاجىز توپقا قارىتا سىياسەت خاراكتېرلىك مايىللىقنى يۈرگۈزۈش كېرەك. ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىمۇ شۇنداق، مائارىپ تەرەققىياتىدىمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەك. ئالايلۇق، ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇزاقتىن بۇيان ناچار مۇھىتتا ياشاپ كەلگەن، بولۇپمۇ مەدەنىيەت، مائارىپ جەھەتتە بىرقەدەر ئارقىدا قالغان، ئەگەر ئۇلارنى زور كۈچ بىلەن قوللىمىسا، مايىل سىياسەت يۈرگۈزمىسە، ئۇلار مەڭگۈ ئاساسىي ئېقىمدىكى ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ قەدىمىگە يېتىشەلمەيدۇ، بۇنىڭدا قانداقمۇ ئىجتىمائىي ئادىللىقتىن سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟ غەربىي رايونلار، يېزا رايونلىرىدىمۇ ئوخشاش ئەھۋال مەۋجۇت. ئۇلار ئۇزاق مۇددەت پۈتۈن مەملىكەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى مول بايلىق بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن، لېكىن ئۇزاق مۇددەت يېتەرلىك مائارىپ بايلىقىدىن بەھرىمەن بولالمىغان. بۇ ئادىللىقمۇ؟ ھازىر، بىزنىڭ مائارىپىمىز غەربىي رايونلارغا، يېزا رايونلىرىغا مايىللاشتۇرۇلۇۋاتىدۇ، بۇ پەقەت ئىلگىرى يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلمىگەنلىككە بېرىلگەن تۆلەم، بۇنى تەرەققىي تاپقان رايونلارنىڭ تەرەققىي تاپمىغان رايونلارنى بېقىشى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەرلىكنىڭ مائارىپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگەندىلا، ئاندىن يەرلىكتىكى ئاممىنىڭ ياشاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. پەقەت مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرى نىسبەتەن تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلغاندىن كېيىن، ئېلىمىز ئاندىن ھەقىقىي زامانىۋىلىشىشقا قاراپ يۈزلىنەلەيدۇ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرالايدۇ.

    شۇڭا، مائارىپ ئادىللىقى ھەرگىزمۇ تەڭ تەقسىماتچىلىق ئەمەس، پەقەت ئوخشىمىغان سىياسەت قوللىنىپ، ئاجىز توپنى سىياسەتتىن نەپكە ئېرىشتۈرسەكلا مائارىپ ئادىللىقىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ب د ت مائارىپ، پەن – مەدەنىيەت تەشكىلاتى 2015 – يىلى ئېلان قىلغان ‹‹مائارىپنىڭ 2030 – يىلىدىكى ھەرىكەت رامكىسى››دا، ‹‹ئومۇميۈزلۈك، ئادىل بولغان ئەلا مائارىپقا كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ھەممە كىشى ئاداققى ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ›› دېگەن ئومۇمىي نىشاننى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، دۇنيا مىقياسىدا مائارىپ ئادىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىمۇ جەزمەن ئاجىز توپقا بولغان مايىللىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، پارىژ شەھىرىدىكى ‹‹مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش رايونى››نى زىيارەت قىلدىم. مەن دەسلىپىدە نېمىنىڭ ‹‹مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش رايونى›› ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلمىگەنىدىم، رايونلۇق مائارىپ مۇپەتتىشى ماڭا مەزكۇر رايوندىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئافرىقىلىق كۆچمەن ئاھالىلەر بولۇپ، ئىقتىسادىنىڭ بىرقەدەر قىيىن ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، شۇڭا، دۆلەتنىڭ بۇ رايوننى ‹‹مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش رايونى›› قىلىپ بېكىتىپ، خىراجەت، ئوقۇتقۇچىلار ئىشتاتى جەھەتتە ئادەتتىكى رايونلارغا قارىغاندا بەكرەك ئېتىبار بېرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قويدى. مانا بۇ دەل ئاجىز توپقا قارىتا سىياسەت جەھەتتىن مايىللىشىشنىڭ ياخشى مىسالىدۇر. ئېلىمىزدىمۇ مۇشۇنداق ياخشى سىياسەتنى يولغا قويۇش ئىنتايىن زۆرۈر.

    ئەلۋەتتە، مايىللىق سىياسىتىنى نۇقتىلىق يولغا قويۇشتا مىقدار جەھەتتىن كۈچەش كېرەك. غەربىي رايونلار، جۈملىدىن ئانچە تەرەققىي قىلمىغان ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ مائارىپ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، مەكتەپ ئېچىش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتىنىمۇ نوپۇس ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ساننى ساقلاپ قېلىش، ساننى كۆپەيتىش ئاساسىدا، قايسى جاينىڭ كەم بولسا، شۇ جاينىڭ نورمىسىنى تەڭشەش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نامۇۋاپىق، زۆرۈر بولمىغان نومۇر قوشۇپ بېرىشنى ئازايتىپ، سىياسەت جەھەتتىن مايىللىشىشنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئومۇمىي ئادىللىققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قىسقىسى، مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، مەملىكەتنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ رايىنى ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك. ئاۋاممۇ ئومۇمىيلىقنى چىقىش قىلىپ، مائارىپ ئادىللىقىنى ئىدراكىي چۈشىنىپ، مائارىپ ئادىللىقىنى قوغدىشى زۆرۈر.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى