ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

بالىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەتلىشىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 08 - ئاينىڭ 31- كۈنى 04:44   |    ئاپتور : چېن ۋېن  |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    يېقىندا، ‹‹شىئەن شەھىرىدىكى بىر قىز ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى›› دېگەن خەۋەر توردا كەڭ تارقالدى. ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ساۋاقداشلارنىڭ نەزەرىدىكى بۇ نەمۇنىچى قىز يەن جۈەنيۇڭ ئىمتىھان بېرىپ، غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى بولۇپ كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تولۇق كۇرسىغا قوبۇل قىلىندى. ئۇ كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىغا قانداق ئۆتكەنلىكى توغرىسىدا توختالغاندا مۇنداق دېدى: ئىمتىھان ئالغۇچى جاۋابنى بىلىشكە ئانچە ئالدىرمايدىغاندەك قىلاتتى، ئۇ مەن بىلەن خۇددى دەرس ئۆتۈۋاتقاندەك قىياپەتتە پىكىرلەشتى. ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ بىلىم سەۋىيەسىنى ئەمەس، بەلكى مەسىلىگە يولۇققاندىكى پوزىتسىيەسىنى، دادىل پىكىر قىلىشىنى، ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئىقتىدارىنىڭ بار – يوقلۇقىنى مۇھىم بىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.

    ئەمەلىيەتتە بۇ قىزنىڭ بايانى ۋە ھېس قىلىشىدىن مۇنداق بىر ئۇقۇم مەلۇم بولدى: ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىمى، قانچىلىك بىلىم ئىگىلەش ئەمەس، بەلكى ئۆگىنىش پوزىتسىيەسى. ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئۇسۇلى، بېرىلىپ ئۆگىنىش پوزىتسىيەسى ۋە ئىزچىل ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئوقۇغۇچى ئۆگىنىشكە قىزىقىش بىلەن بىللە، ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

    ئالدى بىلەن قىزىقىش ئۈستىدە توختىلايلى. قىزىقىش ئەڭ ياخشى مۇئەللىم. ھەر قانداق كىشىنىڭ بەدىئىي ئىجادىيىتى ۋە ئىلمىي كەشپىياتى قىزىقىشتىن بارلىققا كەلگەن، ئۇلار قىزىقىشى بويىچە بېرىلىپ ئىزچىل تىرىشىپ، ئاخىر قالتىس مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن. بۇ يەردە ئاتا – ئانىلاردىن شۇنى سوراپ باقماقچىمەن، بالىڭىزنىڭ ھەر خىل تەكرارلاش ۋە ئارتۇقچىلىقىنى يېتىلدۈرىدىغان كۇرسلارغا ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بىلەن قاتناشقانمۇ؟ سىز ئالدىنئالا بالا بىلەن مەسلىھەتلەشكەنمۇ؟ بالا ئۆزى قىزىققان بولسا ياخشى بولىدۇ، ئەگەر ئاتا – ئانا بالىنىڭ مەيلىگە باقماي مەجبۇرلىغان بولسا ياكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ شۇنداق قىلغان بولسا، بالىغا ئازار بولىدۇ. بالا قىزىقىدىغىنىنى ئۆگەنمىسە ئۆگىنىش ئاكتىپلىقى بولمايدۇ، ئىزچىل تۈردە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارىنىمۇ يېتىلدۈرەلمەيدۇ.

    ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشكە كەلسەك، مەلۇم دانىشمەن ‹‹قانچىلىك ياخشى ئادەت يېتىلدۈرسە، شۇنچە كۆپ ئۇتۇق قازىنىدۇ›› دېگەن. ھەقىقەتەن شۇنداق، تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىشتە ياخشى ئادەت يېتىلدۈرگەنلەر چوقۇم ئۇقۇمۇشلۇق، ئىزچىل ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدۇ. بۇنداقلار مەكتەپ تەربىيەسىنى تۈگىتىپ جەمئىيەتكە چىققاندىمۇ، قارشى ئېلىنىدۇ ھەم ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. ئاساسىي مائارىپ باسقۇچىدا، ئاتا – ئانا بىلەن ئوقۇتقۇچى بالىنىڭ مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ياخشى ئىگىلىشىنى، مۇزىكا، تەنتەربىيە ۋە گۈزەل سەنئەت جەھەتتىمۇ ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇنداق تەربىيەلەنگەن بالىنىڭ بىلىمى بولسىمۇ، مەدەنىيەت جەھەتتە ساۋاتسىز، ھەۋىسى بولسىمۇ، غايەسى يوق بولۇشى مۇمكىن.

    يەن جۈەنيۇڭنىڭ كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەردىن ئاتا – ئانىلار بىلەن ئوقۇتقۇچىلار شۇنى بىلىۋېلىشى كېرەككى، ئۇ مول مەدەنىيەت بىلىمى ۋە ئاتالمىش كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە تايىنىپ كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنماستىن، بەلكى ئۆگىنىشكە بولغان ئالاھىدە قىزىقىشى ۋە ياخشى ئۆگىنىش ئادىتىدىن جۇغلانغان كەسپىي دەرسلەرنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش تەجرىبىسىگە تايىنىپ قوبۇل قىلىنغان. ئۇنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارى ئاخىر يادرولۇق رىقابەتلىشىش ئىقتىدارىغا ئايلانغان، بۇنداق ئىقتىدار بالىلارنىڭ ئىستىقبالىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا، ھەر بىر ئوقۇغۇچى تىرىشىپ مۇشۇنداق ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى