ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى دەرسلىك كىتابىغا بولغان باھاسى قانداق؟

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 06 - ئاينىڭ 21- كۈنى 04:15   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى

    ئىستانسىمىز خەۋىرى:

    بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر قوش تىل تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەر «تىل- ئەدەبىيات» دەرسلىك كىتابى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. نۆۋەتتە، يېڭى نۇسخىدىكى دەرسلىك كىتابىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالى قانداق بولىۋاتىدۇ؟ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى دەرسلىك كىتابىغا بولغان باھاسى قانداق؟ مۇخبىر مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارەتتە بولدى.

    مۇخبىر خوتەن شەھەرلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز 3- يىللىق 1- سىنىپىغا كىرگەندە، ئوقۇتقۇچى ئامىنە ئابدۇقادىر يېڭى نۇسخىدىكى دەرسلىك كىتابى بويىچە بالىلارغا قوش تىل دەرىسى ئۆتىۋاتقانىدى. كونا نۇسخىدىكى «تىل- ئەدەبىيات» دەرسلىك كىتابىغا سېلىشتۇرغاندا، يېڭى نۇسخىدىكى دەرسلىك كىتابتىكى قىستۇرما رەسىملەر بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، مەزمۇن جەھەتتىمۇ دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى نادىر ئەسەرلەر كۆپەيتىلگەنىدى. ئوقۇغۇچى سۇمەييە ئەسقەر مۇنداق دېدى:- مېنىڭچە، يېڭى نۇسخىدىكى دەرسلىك كىتابنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ مول بولۇپ، قىستۇرما رەسىملەر بىر قەدەر كۆپ ئىكەن. ماقالىلارنىڭ مەزمۇنى قىزىقارلىق بولۇپ، ئۆگىنىش داۋامىدا خۇشاللىققا ئېرىشكىلى، تېخىمۇ ياخشى قوبۇل قىلغىلى بولىدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر قوش تىل تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەر «تىل- ئەدەبىيات» دەرسلىك كىتابىغا يەنە ئۈن- سىن ماتىرىياللىرى سەپلەنگەن بولۇپ، ئىچكىرىي ئۆلكىلەردە بىر تۇتاش قوللىنىلىۋاتقان دەرسلىك كىتابىغا سېلىشتۇرغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر قوش تىل تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەر «تىل- ئەدەبىيات» دەرسلىك كىتابىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالاھىدە مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان مەزمۇنلار كۆپەيتىلگەن ھەم ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىگە ئائىت مەزمۇنلار قوشۇلغانىكەن. نۆۋەتتە، باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىدىكى 1- يىللىقتىن 4- يىللىققىچە بولغان دەرسلىك كىتابلىرى تۈزۈلۈپ بولدى ھەم ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى. 5-، 6- يىللىقلارنىڭ دەرسلىك كىتابى جىددىي تۈزۈلمەكتە. خوتەن شەھەرلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئامىنە ئابدۇقادىر 25 يىللىق ئوقۇتۇش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى:- ئىلگىرى، ئادەتتىكى سىنىپلار بىلەن قوش تىللىق سىنىپلارنىڭ تىل- ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابى ئوخشاشمايتتى. ھازىر دەرسلىك كىتابتا ئۆزگىرىش بولۇپ، بىرلىككە كەلدى. بۇ-- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشى ۋە دەرس تەييارلىشىغا پايدىلىق. يېڭى نۇسخىدىكى دەرسلىك كىتابتا، ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىغا ئائىت مەزمۇنلار كۆپەيتىلدى. بۇ-- ئوقۇغۇچىلارنىڭ گىرامماتىكا بىلىملىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلىشىگە پايدىلىق. يېڭى نۇسخىدىكى دەرسلىك كىتابتا، دەرسلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تېخىمۇ مۇۋاپىق بولۇپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولدى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى