ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

تاۋۇزنى خىلور بىرىكمە ئوغۇتى بىلەن ئوغۇتلاشقا بولمايدۇ

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23- كۈنى 10:06   |    ئاپتور :   |   مەنبە :

    تاۋۇز خىلوردىن »پەرھىز« تۇتىدىغان زىرائەت، خىلور تەركىبلىك ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلىغاندا، قەنتنىڭ توپلىنىشىغا تەسىر يېتىپ، تاۋۇزنىڭ تەمى ۋە تاۋارلىقىغا تەسىر يېتىدۇ.

    ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تاۋۇزنى خىلور تەركىبلىك ئوغۇت ۋە گۈڭگۈرت تەركىبلىك ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلىغاندا مەھسۇلاتتا كۆرۈنەرلىك پەرق بولمايدۇ. لېكىن سۈپەتتە پەرق چوڭ بولىدىكەن. تاۋۇزنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن خىلور تەركىبلىك ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلىماسلىق كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ ئوغۇتلاپ، فوسفور ۋە كالىي بىلەن يېتەرلىك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، مەھەللىۋى ئوغۇت ۋە كۈنجۈرە بىلەن ئوغۇتلاشقا ئەھمىيەت بېرىش، شۇنداقلا مۇنبەت ياكى قۇمساڭغۇ تۇپراقتا ئۆستۈرۈش كېرەك.

مۇھەررىر : پەرھات ئەزىز

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى