ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

يازدا گۆش كەپتىرىنى بېقىش، باشقۇرۇش تېخنىكىسى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23- كۈنى 10:02   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ كۇئېنلۇن تورى

    ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    كەپتەرخانىغا ئاپتاپ ئۇدۇل چۈشمەسلىككە، ئىشىك، دېرىزىلەرنى ئېچىش ۋە شامالدۇرغۇچنى ماڭدۇرۇش ئارقىلىق، كەپتەرخانىدىن شامال ئۆتۈشۈپ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ كەپتەرنىڭ يېمىگە ئىسسىقنى ھەيدەپ، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلايدىغان رەۋەن سودا تابلېتكىسى (片打苏黄大) دىن كۈندە بىر تال قوشۇپ بەرسە بولىدۇ؛ كەپتەرلەرنى كۆپرەك يۇيۇندۇرۇش كېرەك؛ تۇخۇم كەپتەرلىرىنىڭ ئۇۋىسىغا سالىدىغان ئوت - چۆپ سېلىنچىنى مۇۋاپىق نېپىزلىتىش، مۇمكىن بولسا ئوڭاي سولاشمايدىغان يوپۇرماقلارنى سېلىش كېرەك؛ تومۇز ئىسسىقلاردا تۇخۇم باستۇرۇشنى توختىتىپ، كەپتەرلەرنى ئارام ئالدۇرۇش كېرەك.

    يېتەرلىك سۇ بېرىش

    گۆش كەپتەرلىرىنى سۇغىرىش مىقدارىنى مۇھىت ۋە تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ تۇرۇش كېرەك. يازدا كەپتەرلەرنىڭ سۇ ئىچىش مىقدارى باشقا پەسىللەردىن كۆپرەك بولىدۇ. قەپەزدە بېقىلغانلىرىنىڭ تور ئۈستىدە بېقىلغانلىرىدىن كۆپرەك بولىدۇ. ھەر كۈنى ھەر بىر كەپتەرگە 50ml ~ 60ml سۇ بەرسە بولىدۇ، يەنە ئىچىملىك سۇيىنىڭ پاكىز، بۇلغانمىغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كەپتەرلەرگە بېرىلىدىغان سۇ يېتەرلىك بولمىسا ياكى پاكىز بولمىسا، ئاسانلا كېسەل بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا ئۆلۈپ قالىدۇ.

    قەرەللىك يۇيۇندۇرۇش

    گۆش كەپتەرلىرى پاكىزلىقنى ياخشى كۆرىدۇ، يۇيۇنۇش ئادىتى بار. كەپتەرلەرنى يۇيۇندۇرۇش ئارقىلىق تېنىنى پاكىزلاپ، پارازىت قۇرتلارنى چىقىرىپ تاشلىغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە تېنىدىكى ئىسسىقلىقنى تارقاتقىلى بولىدۇ. تور ئۈستىدە بېقىلىدىغان ياش كەپتەرلەرنى ھەر 15 كۈندە بىر قېتىم چوڭ داسلاردا يۇيۇندۇرسا بولىدۇ؛ قەپەزدە بېقىلىدىغانلىرىنى ھەر 20 كۈندە بىر قېتىم تۇمانلاتقۇچ بىلەن سۇ پۈركۈپ يۇيۇندۇرسا بولىدۇ.

    يەمنى ئىلمىي تەڭشەپ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش

    گۆش كەپتەرلىرىگە ئىمكانقەدەر ئۇششاق دانچىلىق يەم بېرىش، ماش ۋە بۇغداينى كۆپرەك، چار دانلارنى ئازراق بېرىش كېرەك. يەملەرنى ئاۋۋال سۇغا چىلاپ، يۇمشىغاندىن كېيىن قۇرۇتۇپ ئاندىن بېرىش، ئاز - ئازدىن پات - پات بېرىش كېرەك. ياش كەپتەرلەرنىڭ يېمىدە كۆممىقوناق، بۇغداي، ئاق قوناق قاتارلىق دانلىق زىرائەتلەر كۆپرەك بولۇشى، يېڭىدىن باچكىلىغان كەپتەرلەرنىڭ يېمىدە ئاقسىل يېتەرلىك بولۇشى كېرەك. يېڭىدىن باچكىلىغان كەپتەرلەرگە داننى تويغىدەك بېرىش كېرەك.

    ساغلاملىق قۇمى ۋە بېلىق مېيى بېرىش

    گۆش كەپتەرلىرىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 7 -30 كۈنلۈك بولغان باچكىلارغا ھەر كۈنى 2 قېتىم ئالاھىدە ساغلاملىق قۇمى ۋە كۈندە بىر تال بېلىق مېيى بېرىش كېرەك. ساغلاملىق قۇمىنى ئۇدۇللۇق تەڭشەپ، ئۇدۇللۇق ئىشلىتىش كېرەك. تەييارلاش ئۇسۇلى: يىرىك قۇم، سۆڭەك پاراشوكى، قۇلۇلە پاراشوكى قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرىۋالغاندىن كېيىن (ھەر قېتىمدا 3 - 4 كۈنلۈكنى بىراقلا تەڭشىۋالسا بولىدۇ)، ئۇنىڭغا يەنە ئاسان ئوكسىدلىنىدىغان، ئاسان پارچىلىنىدىغان خۇرۇچ قوشۇپ (بۇ خۇرۇچ كەپتەرگە يەم بېرىشنىڭ ئالدىدا ساغلاملىق قۇمىغا ئارىلاشتۇرىلىدۇ) بەرسە بولىدۇ.

مۇھەررىر : پەرھات ئەزىز

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى