ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

ساغلىققا سۈت كەلتۈرۈش ئۇسۇلى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23- كۈنى 10:01   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ پەن - تېخنىكا گېزىتى

    تۇنجى تۆللىگەن ساغلىققا سۈت كەلتۈرۈش ئۇسۇلى: تۇنجى قېتىم تۆللىگەن ساغلىقتا سۈتى ئاز بولۇش ئاساسلىقى سۈت ئاجرىتىش سىستېمىسى تولۇق يېتىلمەسلىك ياكى ئوزۇقلۇقى ناچار بولۇشتىن كېلىپ چىقىدۇ. ساغلىق تۆللەشتىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن ۋە تۆللىگەندىن كېيىن كۈندە يېلىنىنى 1 - 2 قېتىم ئۇۋۇلىسا، سۈت بېزىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىش جەريانىدىكى ماددا ئالماشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ساغلىققا كۈندە 100g سېرىق پۇرچاقنى قايناقسۇغا چىلاپ يۇمشىتىپ بېرىش كېرەك. سېرىق پۇرچاقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، ياغ تەركىبى %16 - %20، ئاقسىل تەركىبى %36 - %42 كە يېتىدۇ ھەمدە تۆمۈر، مونېتسىلىن ۋە ۋىتامىنلار ناھايىتى مول بولۇپ، ساغلىقنىڭ سۈت ئاجرىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. سېرىق پۇرچاق قوينىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە يېلىنىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، سۈت مىقدارىنى0.5kg كۆپەيتىدۇ.

    2. سېمىز ساغلىققا سۈت كەلتۈرۈش ئۇسۇلى: ساغلىق بەك سەمرىپ كەتسە، سۈتى ئاز بولىدۇ. شۇڭا، ھورمۇن ئارقىلىق سۈت كەلتۈرۈش كېرەك. نېرۋا سىستېمىسى ۋە تەن سۇيۇقلۇقىنى تەڭشەش ئارقىلىق، ساغلىقنىڭ سۈت ئاجرىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ. سۈت كەلتۈرگۈچى ھورمۇننى ئۇدا ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 500 - 1000 بىرلىك بويىچە تېرە ئاستىغا ئۇرسا، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

    3. ئورۇق ساغلىققا سۈت كەلتۈرۈش ئۇسۇلى: ئورۇق ساغلىقتا سۈت كەمچىل بولۇش ئاساسلىقى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە بىر قىسىم خورىتىش خاراكتېردىكى كېسەللەر سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭدا كېسەلنى يىلتىزىدىن داۋالاپ، كۈندىلىك يېمىنى تەڭشەپ، كۆپرەك يايلىتىش كېرەك. ئورۇق ساغلىققا كۆك ئوت بېرىش بىلەن بىرگە، ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ، سۈت ئاجرىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغان ئەلا سۈپەتلىك بوغۇز بېرىش كېرەك. ساغلىققا كۈندە قايناقسۇغا چىلاپ يۇمشىتىلغان 100g سېرىق پۇرچاقنى سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بەرسە، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ، تېنىنى قۇۋۋەتلەپ، سۈت ئاجرىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ ھەمدە سۈت ئاجرىتىشنىڭ يۇقىرى باسقۇچىنى ئۇزارتىدۇ.

    4. يوشۇرۇن يېلىن ياللۇغى بولغان ساغلىققا سۈت كەلتۈرۈش ئۇسۇلى: ئۇزۇن مەزگىل سۈت ئاز بولسا، يېلىندا سۈت يىغىلىپ مۇنەكلىشىۋېلىپ، يېلىن توپچىسىنى توسىۋېلىپ سۈت چىقىشى راۋان بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ساغلىقنىڭ يېلىنىغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ ئۇيۇپ قالغان مۇنەكنى يۇمشىتىش بىلەن بىرگە، يېلىنىنى يېنىك ئۇۋۇلاپ، يېلىن توپچىسىدىكى تۇرۇپ قالغان سۈتنى سىقىپ چىقىرىۋېتىش ھەمدە ئىسسىق ئۆتكۈزۈش بىلەن ئۇۋۇلاشنى يېلىنىدىكى ئىششىق يانغىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. يېلىندا قېتىپ قالغان سۈتنى سىقىپ چىقىرىش تەس بولغاندا، پىتۇيترىن (چۈيتى خوۋيېسۇ 垂体后叶素) ئوكۇلىنى 10 بىرلىك ئۇرسا، سۈت كەلتۈرىدۇ.

    5. يېلىن ۋە قېرىن ياللۇغىنى داۋالاپ سۈت كەلتۈرۈش: قوينىڭ يېلىن، قېرىن قاتارلىق ئەزالىرىدا كېسەل كۆرۈلسە، سۈت بېزىنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، سۈتى ئازىيىپ كېتىدۇ. بۇنى قاراتمىلىق داۋالاپ، ئوزۇقلۇق تەركىبى يۇقىرى يەم - خەشەك بېرىپ، تەن ساپاسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇدا ئىككى كۈن ساغلىققا كۈندە 10 بىرلىك پىتۇيترىن ئوكۇلى ئۇرسا، سۈتىنى كۆپەيتىدۇ.

    ئىسەنگۈل ئوسمان تەرجىمىسى

مۇھەررىر : پەرھات ئەزىز

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى