ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

سۈتى كۆپ سېغىن ئۆچكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23- كۈنى 09:59   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ پەن - تېخنىكا گېزىتى

    . يېلىنىنىڭ شەكلىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈش. 1) يېلىنى كىچىك تىپلىقى: يېلىنى كىچىك، يۇمۇلاق، توپچىسى قىسقا ھەم كىچىك بولىدۇ، ئاسان ساغقىلى بولمايدۇ، سۈتى ئاز بولىدۇ. 2) يېلىنى بوش تىپلىقى: يېلىنى بوش بولۇپ، ئوشۇقىغىچە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەنگە ساڭگىلايدۇ. يېلىن توپچىسى قىسقا، توم بولۇپ، يېلىن بىلەن بولغان چېگرىسى ئانچە ئېنىق ئەمەس، شەكلى خالتىغىلا ئوخشايدۇ. بۇ خىل يېلىننىڭ سىغىمى چوڭ، سۈت مىقدارى بىرقەدەر كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئۆچكىنىڭ مېڭىشىغا تەسىر يېتىدۇ، يېلىنىنى كۆتەك، شاخلار ئاسانلا زەخىملەندۈرۈپ، ياللۇغلىنىپ قالىدۇ. 3) چوڭ، يۇمۇلاق تىپلىق: يېلىنى تولغان ھەمدە پاراللىل، ئالدىغا تاكى قورسىقىغىچە سوزۇلغان بولىدۇ، ئوتتۇرا قىسمى ئىككى يېرىقىغا لىق تولغان، ئارقىسى ئارقا پۇتىدىن چىقىپ تۇرغان بولىدۇ، ئۈستى قورساققا چىڭ چاپلىشىپ تۇرىدۇ. يېلىن توپچىسىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى نورمال، سەل ئالدىغا سوزۇلغان، توپچىسى بىلەن يېلىننىڭ چېگرىسى ئېنىق ئايرىلغان بولىدۇ. بۇ سۈت مەھسۇلاتى يۇقىرى، بىر قەدەر ياخشى تىپلىق ھېسابلىنىدۇ.

    2. يېلىننىڭ تۈزۈلۈشىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈش: سۈتى كۆپ يېلىننىڭ تېرىسى نېپىز، ئەۋرىشىم بولىدۇ، يۈزىدە يۇڭ بولمايدۇ ياكى تۈۋىدە ئازراق تىۋىت بولىدۇ. تۇتقاندا يۇمشاق بىلىنىدۇ، ئىچىدە قاتتىق يادروسى بولمايدۇ. سېغىشتىن ئىلگىرى يېلىنى ئېسىلگەن بولىدۇ، سېغىپ بولغاندا يېلىن كىچىكلەپ، يۈزىدە قورۇقلار پەيدا بولىدۇ. بەز توقۇلمىلىرى تەرەققىي قىلغان، تۈگۈنلەر ئاز بولىدۇ. بۇ خىل يېلىن بەزلىك يېلىن، دەپ ئاتىلىدۇ. سۈتى ئاز يېلىننىڭ تېرىسى يىرىك، سىلىغاندا ئورۇق گۆشتەك بىلىنىدۇ، ئەۋرىشىملىكى ناچارراق، ئىچىدە قاتتىق يادروسى بولىدۇ. سېغىشنىڭ ئالدى كەينىدىكى يېلىننىڭ ھەجمىدە پەرق چوڭ بولمايدۇ، بەز توقۇلمىلىرى بەك ئاز بولىدۇ. بۇ خىل يېلىن گۆشلۈك يېلىن، دەپ ئاتىلىدۇ.

    3. يېلىن سوقماس تومۇرنىڭ شەكلىگە قاراپ پەرقلەندۈرۈش: يېلىن سوقماس تومۇرى توم، ئۇزۇن ھەم ئەگرىلىكى ئېنىق، يان تارماق قان تومۇرلار كۆپ بولغانلىرىنىڭ سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىشى كۈچلۈك، سۈت مەھسۇلاتى يۇقىرى بولىدۇ. سوقماس تومۇرى تەرەققىي قىلمىغان، ئېنىق ئەگرى بولمىغان، يان تارماق قان تومۇرلار ئاز بولغانلىرىنىڭ سۈت مەھسۇلاتى تۆۋەن بولىدۇ.

مۇھەررىر : پەرھات ئەزىز

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى