ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

پىچان ناھىيەسى ‹‹قوش تىل›› لىق يەسلى قۇرۇلۇشىغا ئايانماي مەبلەغ سالدى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23- كۈنى 09:31   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    مىجىت ئىبراھىم خەۋەر قىلىدۇ: پىچان ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ‹‹مائارىپقا مەبلەغ سالغانلىق كەلگۈسىگە مەبلەغ سالغانلىق›› دەپ قاراپ، ‹‹قوش تىل››لىق يەسلى قۇرۇلۇشىغا ئايانماي مەبلەغ سالدى.

    بۇ ناھىيە 2010 – يىلىدىن بۇيان مەركەز، خۇنەن ئۆلكىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ياردەم مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈش، يەرلىك مالىيەدىن مەبلەغ ئاجرىتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، 53 ئورۇندا ‹‹قوش تىل››لىق يەسلى قۇردى.

    لۈكچۈن بازىرىنىڭ كوناشا كەنتى ‹‹قوش تىل››لىق يەسلىنىڭ مەسئۇلى رىزۋانگۈل ئابدۇللا مۇنداق دېدى: ھازىر يېزا، كەنتلەردىكى يەسلىلەرنىڭ شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، سىنىپلار يورۇق ھەم ئازادە، ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنىڭ تۈرىمۇ كۆپ. دىغار يېزىسىنىڭ تاش تاپان كەنتىدىكى دېھقان ئايگۈل ئىبراھىم مۇنداق دېدى: گەرچە يېزىمىزنىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، كەنتىمىزدىكى ‹‹قوش تىل››لىق يەسلى شەھەرلەردىكى يەسلىلەردىن قىلىشمايدۇ. پىچان يېزىسىنىڭ ھوڭ كەنتىدىكى ‹‹قوش تىل››لىق بالىلار يەسلىسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى نەزىرە ئەكبەر مۇنداق دېدى: بۇ يىل 9 – ئايدىن باشلاپ، كەنتىمىزدە ‹‹قوش تىل››لىق يەسلى ئىشقا كىرىشتى. مۇئەللىملىرىمىز تولىمۇ كۆيۈمچان، سىنىپلار يورۇق ھەم ئازادە، يەسلىدە ھەر خىل ئويۇنچۇقلار بار.

مۇھەررىر : پەرھات ئەزىز

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى