ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

‹‹كارخانىچىلار ئىللىقلىق فوندى››ئۈچتۇرپاندىكى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23- كۈنى 09:29   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    مەربىيە ئەركىن خەۋەر قىلىدۇ: ئۈچتۇرپاندىكى كارخانىچىلار تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان ‹‹كارخانىچىلار ئىللىقلىق فوندى›› يېقىندا ئۈچتۇرپان ناھىيەسىدىكى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقاتتى.

    ئۇقۇشىمچە، ‹‹كارخانىچىلار ئىللىقلىق فوندى›› يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، ئۈچتۇرپان ناھىيەسىدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 100 ئوقۇغۇچىغا جەمئىي 420 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىنى يېنىكلىتىپتۇ.

    ‹‹كارخانىچىلار ئىللىقلىق فوندى››نىڭ ئەزاسى شى يۈگو مۇنداق دېدى: بىز بۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقى ۋە تىرىشچانلىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى، بىراق نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلە قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن، ئوقۇشتىن قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بەك ئەپسۇسلاندۇق، شۇڭا ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلدۇق.

مۇھەررىر : پەرھات ئەزىز

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى