ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

‹‹ئالتۇن كۈز ئوقۇش ياردەم پۇلى››ئونسۇدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23- كۈنى 09:28   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، ئەخمەتجان ئىدىرىس خەۋەر قىلىدۇ: ئونسۇ ناھىيەسىدە يېقىندا بۇ يىللىق ‹‹ئالتۇن كۈز ئوقۇش ياردەم پۇلى››نى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 55 ئوقۇغۇچىغا 110 مىڭ يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىلىپ، ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلاندى.

    ‹‹ئالتۇن كۈز ئوقۇش ياردەم پۇلى››نى تارقىتىش مۇراسىمىدا ساخاۋەتچىلەر ۋەكىلى ئوقۇغۇچىلار بىلەن مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاپ، ئۇلارنىڭ تىرىشىپ ئوقۇپ، ئەل – يۇرتقا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى. بىر ساخاۋەتچى مۇنداق دېدى: بىلىم تەقدىرىڭلارنى ئۆزگەرتىدۇ، ئۆگىنىش كەلگۈسىڭلارنى يارىتىدۇ. سىلەرنىڭ تەستە قولغا كەلگەن بۇ پۇرسەتنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە ناھىيەمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ئاتا – ئانىلار ۋەكىلى تۇراگۈل ئەھمەد مۇنداق دېدى: بۈگۈن بالام 2000 يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى، بۇ پۇل ئائىلىمىزنىڭ يۈكىنى خېلىلا يېنىكلەتتى. بىزنىڭ غېمىمىزنى يېگەن پارتىيە، ھۆكۈمەتكە، پارتىيە تەربىيەلىگەن ساخاۋەتچىلەرگە كۆپ رەھمەت.

    لى شېڭنەن بۇ يىل سەنيا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئانىسى مېيىپ بولغاچقا تۇرمۇشتا دادىسىنىڭ سىرتلاردا پارچە – پۇرات ئىش قىلىپ تاپقان ئازغىنە كىرىمىگە تايىناتتى. بۇ قېتىم ئۇ 2000 يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرۇشقا ئىشلىتىمەن، قالغىنىغا كىتاب سېتىۋالىمەن. ئالىي مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتكە، ماڭا ياردەم قولىنى سۇنغان ساخاۋەتچىلەرگە جاۋاب قايتۇرىمەن.

مۇھەررىر : پەرھات ئەزىز

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى